|
1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان، ئۈچ يىلدا پۈتىدىغان، يىلىغا 5 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان، قېزىش، قاچىلاش، توشۇش ماشىنىلىشىدىغان، مۇھىت بۇلغىمايدىغان ‹‹لۇئەن›› شىنجاڭ شىركىتىنىڭ سايدۆۋە كان قۇدۇقى قۇرۇلۇشىدا يېقىندا ئىش باشلاندى.
سايدۆۋە كان قۇدۇقى رايونى شەرق تەرەپتىن تارانچى كان رايونىغا 20 كىلومېتىر، شىمال تەرەپتىن دۆلەت يولى 312 – لىنىيىسىگە توققۇز كىلومېتىر، جەنۇب تەرەپتىن لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 54.41 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ كان رايونىنىڭ كۆمۈر زاپىسى 360 مىليون توننا كېلىدۇ. شەنشى ‹‹لۇئەن›› كانچىلىق گۇرۇھى بۇلتۇر 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى قۇمۇل كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىنى قايتا تەشكىللەپ، ‹‹لۇئەن›› شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنى قۇرغاندىن كېيىن، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، 4 مىليون 770 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپ چىقىرىپ، كىرىمىنى 1 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، تارىختا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.
|