|
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سانائەت رايونلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سانائەت رايونلىرىنى جانلاندۇردى.
بورتالا ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سانائەت رايونلىرىغا خېرىدار، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى. 2005 – يىلىدىن بۇيان، سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىغا 54 مىليون 250 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، 44.2 كىلومېتىر تاشيول، 98 كىلومېتىر تۆمۈريول ياسىدى، 57.3 كىلومېتىر سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزدى، 12.7 كىلومېتىر توك سىمى تارتتى. شارائىت ياخشىلانغانلىقتىن، سانائەت رايونلىرىغا ھازىرغىچە 47 كارخانا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانا ئىككىگە، ئۇلار سالغان ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مەبلەغ 890 مىليون يۈەنگە، سانائەت رايونلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىشقا ئاشۇرغان تاشقى سودا سوممىسى 4 مىليارد 980 مىليون دوللارغا يەتتى.
|