|
17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى 1– سېنتەبر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار بايلىق ئەۋزەللىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە پائال تەييارلىق قىلماقتا.
ئەستايىدىل تەييارلىق كۆرۈش نەتىجىسىدە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى 144 تۈرنى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرماقچى بولدى. بۇ 144 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاش سېلىنمىسى تەخمىنەن 42 مىليارد 630 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىمزالىنىدىغان سانائەت تۈرىدىن 69 ى، سودا تۈرىدىن 29 ى، ئۆي – جاي – مۈلۈك تۈرىدىن 37 سى، ساياھەت تۈرىدىن يەتتىسى بار ئىكەن.
ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى نېفىت، نېفىت – خىمىيە سانائىتى، كۆكىسلاشتۇرۇلغان كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، تۇز خىمىيە سانائىتى، باغ- ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، پاختا توقۇمچىلىق، ساياھەت قاتارلىق ئەۋزەل بايلىق ۋە كەسپلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، سودىگەر چاقىرىش تۈرىدىن 119 نى نوقتىلىق تونۇشتۇردىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئەۋزەل بايلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭ تۈرلەرنى تاللىغان. مۆلچەرلىنىشىچە: سودىگەر چاقىرىش سومما كۆلىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈردىن تەخمىنەن 50ى، 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈردىن 30ى، بىر مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۈردىن ئونى بار بولۇپ، كېلىشىم ئىمزالىنىدىغان تۈر سوممىسى 5 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. سېتىۋېلىنىدىغان يايما ئورنى ئىلگىرىكى 22 دىن 45 كە كۆپەيگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە، سانجى شەھىرى 20 يايما ئورنى بېكىتكەن بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى بېكىتكەن يايما ئورنى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىقى ھىسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە، توپلانغان كېلىشىم ئىمزالاش تۈرىدىن 34ى بار بولۇپ، توختام ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
|