|
باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ روسىيە ۋە گرۇزىيە توقۇنۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى روسىيىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى. روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 20–كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ‹‹ئامېرىكا بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، روسىيە بۇنىڭغا چوقۇم جاۋاپ قايتۇرىدۇ›› ، دېدى .
شۇ كۈنى، نورۋېگىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى روسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
دىپلوماتىك ۋاستىلاردىن باشقا ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ قارشىلىق كۆرسىتىش
روسىيىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن پولشا مۇشۇ ئاينىڭ 20– كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامېرىكا پولشادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇش ئۈسكۈنىسىدىن 10نى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ھەمدە پولشانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، پولشادا ‹‹ۋەتەنپەرۋەر›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى.
پولشا بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەركىتى روسىيىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 20–كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ‹‹بۇ خىل قىلمىش— ئىشەنمەسلىك پەيدا قىلىپلا قالماي، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە باشقا جايلاردىكى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ›› ، دېدى.
ئامېرىكا تەرەپ ‹‹پولشادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەد — ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت›› ، دېگەن بولسىمۇ، روسىيە ئەمەلدارلىرى ‹‹باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى روسىيىگە قارىتىلغان بولۇپ، روسىيە ئارمىيىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نىشانىنى رۇسىيە تەرەپكە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن نىشانغا توغىرلايدۇ›› ، دېدى.
روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا يەنە: ‹‹ئاتالمىش ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئېشىشى بىزگە تولىمۇ ئېنىق بولۇپ، ئامېرىكا رەھبەرلىرى بۇنى ئىنكار قىلغىنى يوق. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، روسىيە جاۋاپ قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، دىپلوماتىك ۋاستىلاردىن باشقا ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ قارشىلىق كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن، دېدى›› .
روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا،‹‹ئامېرىكا ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى›› ، دەپ ئەيىپلەندى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتىش
روسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن تالاش–تارتىش قىلىپلا قالماي، روسىيە – گرۇزىيە توقۇنۇشى سەۋەپلىكمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن نارازى بولدى. نورۋېگىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇشۇ ئاينىڭ 20–كۈنى، ‹‹روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ نورۋېگىيىنىڭ روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا روسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى دېدى›› .
فرانسىيە ئاخبارات ئاگىنتلىقى نورۋېگىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹نورۋېگىيە رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تاپشۇرىۋالدى›› .
نورۋىگىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئايال باياناتچىسى خېدى لانۋېك ھانسىن فرانسىيە ئاخبارات ئاگىنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ‹‹روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تېلېفون بېرىش شەكلى ئارقىلىق، نورۋېگىيە ئەلچىخانىسىغا بۇ قارارنى يەتكۈزدى. ئۇلار پات ئارىدا يازما شەكىلدە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ›› .
روسىيە تەرەپ ھازىرغىچە نورۋېگىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئەمەلدارىنىڭ بۇ سۆزىنى ئىسپاتلىمىغان بولسىمۇ، روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بالتىق دېڭىزىدا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي مانېۋىر پىلانىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە‹‹نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ ‹فورت› ناملىق ھەربىي پاراخوتىنىڭ روسىيە پورتىغا كىرىشىگە يول قويۇشنى ئويلاشمايمىز›› دېدى.
نېفىت باھاسىدىكى ئۆزگىرىش
روسىيە —دۇنيادىكى 2–چوڭ نېفىت ئېكىسپورت دۆلىتى بولۇپ، روسىيە غەرب ئەللىرى بىلەن تىركىشىۋاتقان پەيتتە، خەلقئارادىكى خام نېفىت باھاسىدا ئۆرلەش بولدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 20– كۈنى، نيۇيورك تاۋار سودا بېرژىسىدىكى بۇ يىل 9–ئايدا مال تاپشۇرۇلىدىغان يىنىك نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 0.45 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 114.98 ئامېرىكا دوللىرىدا توختىدى. لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدىكى بۇ يىل 10– ئايدا مال تاپشۇرۇلىدىغان خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى 0.45 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 114.36 ئامېرىكا دوللىرىدا توختىدى.
بۇ ئىككى بازاردىكى نېفىت باھاسى مۇشۇ ئاينىڭ 20– كۈنى بىر مەھەل تۆۋەنلىگەن ئىدى. نيۇيوركتا خام نېفىت ۋاستىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرەيلەن رېيتىر ئاگىنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ‹‹روسىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىغا بەرگەن يۇرۇشۇن جاۋابى— مۇشۇ ئاينىڭ 20– كۈنى بىر مەھەل تۆۋەنلىگەن نېفىت باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلىشىگە سەۋەپ بولدى›› .
كاپروك خەۋەپ–خەتەرگە باھا بېرىش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى كرېس جاۋىس مۇنداق دېدى:‹‹روسىيىدىن ئىرانغىچە بولغان جۇغراپىيىلىك ۋە سىياسىي خەۋپ–خەتەردىن قارىغاندا، نېفىت بىلەن تەمىنلەشتىكى ئاساسلىق مەنبەلەر يەنىلا يەر شارى خاراكتېرلىك قىزىق نۇقتا ھېساپلىنىدۇ›› .
|