باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
مۇشەررەفنىڭ ئىستېپا بېرىشى پاكىستان سىياسىي ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ
2008- 08- 26 12:00 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     مۇشەررەف پاكىستان زۇڭتۇڭىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، نەگە بارىدۇ؟ قالغان ئۆمرىنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟ پاكىستاننىڭ يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتى بىخەتەرمۇ؟ غەرب ئەللىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇشەررەف زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، لوندونغا بېرىپ، پاناھلىق تىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر يەنە ‹‹جۇڭگو– پاكىستان مۇناسىۋىتى مۇشەررەفنىڭ ئىستېپا بېرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ›› ، دېدى.

    ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان ‹‹كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى››نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19– كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە پاكىستان ھەربىي تەرەپ ھۆكۈمەتتىن مۇشەررەفنى يۈز– ئابرويلۇق ھالدا تەختتىن چۈشۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنماسلىقنى تەلەپ قىلغان. پاكىستان سىياسىي ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئەرباپلار يېقىندا، ‹‹مۇشەررەفنىڭ ۋەكىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى بىلەن مۇشەررەفنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندا ئولتۇراقلىشىشى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا، ئەگەر سەرگەردار بولۇشقا مەجبۇر بولسا، مۇشەررەف ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى، تۈركىيە، ئەنگىلىيە ياكى ئامېرىكىغا بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ››، دېدى . 

     ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رائىس مۇشۇ ئاينىڭ 17– كۈنى فوكس خەۋەر ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:‹‹ئامېرىكا مۇشەررەفكە سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى ئويلاشقىنى يوق›› .  ھىندىستاندىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 18– كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ئامېرىكا مۇشەررەفكە سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، سەئۇدىي ئەرەبىستانىمۇ ئۇنىڭ جىددە شەھىرىدىكى سالور ئوردىسىدا تۇرۇشىنى رەت قىلدى. ئۇ يەر پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى شېرىف 1999– يىلى مۇشەررەف تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن تۇرغان جاي ئىدى›› .  

     ھەممىدىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇشەررەف سەئۇدىي ئەرەبىستانى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە بارسا بولىدىكەن، ئەمما سەئۇدىي ئەرەبىستانىدا ئۇزاق تۇرسا بولمايدىكەن. سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ ‹‹ئوردىسى››نى پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىدىكى تۇرۇشلۇق ئورنىغا ئايلاندۇرۇش خىيالى يوق ئىكەن. غەرب ئەللىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى،‹‹مۇشەررەف ئالدى بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستانىغا بېرىپ، مەككىنى تاۋاپ قىلىشى، ئەڭ ئاخىرى لوندونغا بېرىپ تۇرۇشى مۇمكىن. پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى بىنەزەر بوتتو ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈشنى تاللىغان ئىدى›› دېدى.

    مۇشۇ ئاينىڭ 19–كۈنى، پاكىستان ئەدلىيە مىنىستىرى فەرۇخ نېك مۇنداق دېدى:‹‹پاكىستاندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن زۇڭتۇڭ مۇشەررەف بىلەن كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا ھىچقانداق كېلىشىم ئىمزالىغىنى يوق. ئەمما، پاكىستاندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى مۇشەررەف توغرىسىدا ئەرز سۇنۇش–سۇنماسلىقنى تېخى قارار قىلغىنى يوق›› .  

     پاكىستان ئەدلىيە مىنىستىرى فەرۇخ روخ‹‹پاكىستاندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن زۇڭتۇڭ مۇشەررەف بىلەن كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا ھېچقانداق كېلىشىم ئىمزالىغىنى يوق. ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش — مۇشەررەف ئۆزىنىڭ چىقارغان قارارى›› ، دېدى. پاكىستان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىدىكى 2- چوڭ پارتىيە بولغان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ‹‹ئامېرىكىنىڭ يۆلىشىگە ئېرىشكەن مۇشەررەفنى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتلاش كېرەك››، دەپ تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، پاكىستاندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى مۇشەررەفنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش- قىلماسلىق توغرىسىدا قارار چىقارغىنى يوق.

    ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاكىستاندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى ‹‹مۇشەررەف توغرىسىدىكى كەلگۈسى پىلان›› ۋە ئۇنىڭ ئىزباسارى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 18– كۈنى، مۇشەررەف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندە، ئۆز خىيالىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ئۆز كەلگۈسىنىڭ خەلقنىڭ قولىدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پاكىستاندىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى‹‹مۇشەررەف پاكىستاندىن ئايرىلىپ، ئۆزى توغرىسىدىكى دەۋادىن قېچىشى مۇمكىن ›› ، دەپ مۆلچەرلىدى.

     پاكىستان پارلامېنتى مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنى مۇشەررەفنىڭ ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، پاكىستان ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن كېڭەش پالاتا باشلىقى مۇھەممەد مىئان سومرو يېڭى زۇڭتۇڭ تەختكە چىققۇچە بولغان ئارلىقتا مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ بولىدىغان بولدى. كېيىنكى نۆۋەتلىك پاكىستان زۇڭتۇڭىنى پارلامېنت ئەزالىرى سايلاپ چىقىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل جەريان 30 كۈن ئىچىدە تاماملىنىشى مۇمكىن. بۇنىڭ پاكىستاندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقوق تالاش– تارتىشى پەيدا قىلىش– قىلماسلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. پاكىستاندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى زاردالى بىلەن شېرىف ئۆتكەن ھەپتە ‹‹زۇڭتۇڭ نامزاتى كۆرسىتىش ئىشى ئالدى بىلەن بىزنىڭ قوشۇلىشىمىزغا ئېرىشىشى كېرەك›› ، دېدى.

    جۇڭگو–پاكىستان مۇناسىۋىتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ

     جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى فۇ شياۋچياڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ تەھلىل قىلىشىمچە، مۇشەررەف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلماسلىقى؛ جۇڭگو- پاكىستان مۇناسىۋىتى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن›› .

    فۇ شياۋچياڭ مۇنداق دەپ قارىدى:‹‹دۆلەت سىرتىدىكى كۈچلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەربىي ئىشلار ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، مۇشەررەف ئابرويلۇق ھالدا ئايرىلىشى مۇمكىن. بىرىنچىدىن، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە مۇشەررەفنىڭ سوتقا تارتىلىشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش جەريانىدا، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاپ قويۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە بۇنداق بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئېتىقادنىڭ ئوخشاش بولۇشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، پاكىستانغا قوشنا بىر قىسىم ئەللەر ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستانى قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىمۇ مۇشەررەفنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئۈچىنچىدىن، ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى پوزىتسىيىسى ئېنىق بولمىسىمۇ، مۇشەررەفنىڭ ھەربىي تەرەپتىكى كۈچى ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. مۇشۇ 3 نۇقتىنى چىقىش قىلغاندا، مۇشەررەف دۆلەت ئىچى ياكى دۆلەت سىرتىدا ئالاھىدە مەزگىلنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئالدىغا تاللىيالايدۇ›› .

     فۇ شياۋچياڭ جۇڭگو–پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى مۇشەررەف دەۋرىدىكى يۈزلىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹تارىختىن قارىغاندا، پاكىستان رەھبەرلىرى بىر قانچە قېتىم ئالماشقان بولسىمۇ، جۇڭگو- پاكىستان مۇناسىۋىتى ئوخشاشلا تەرەققىي قىلدى. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن- ئاخىر پاكىستان ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، پاكىستان خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو- پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيە، ئىستراتېگىيە ۋە تارىخ جەھەتتە ئالاھىدە مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇشى—پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بەلگىلىدى›› .

   ئىستېپا بېرىش—ئامېرىكا–پاكىستان مۇناسىۋىتىگە پايدىلىقمۇ؟

     مۇشۇ ئاينىڭ 19– كۈنى، ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى پاكىستان زۇڭتۇڭى مۇشەررەفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، ‹‹بۇ، ئامېرىكا ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا پايدىلىق ›› ، دەپ قارىدى. ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنداق دېدى: ‹‹مۇشەررەفنىڭ سىياسىي سەھنىدىن چۈشۈشى— پاكىستان بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە زور بۇرۇلۇش  ھاسىل قىلىدۇ. ۋاشىنگتوندىكى نۇرغۇن سىياسىئونلار پاكىستانغا قارىتا تېخىمۇ پائال تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ. چۈنكى، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 1999– يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق ھوقوققا ئېرىشكەن مۇشەررەفنى قوللىغانلىقىدىن غەزەپلىنەتتى.  پاكىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھۈسەيىن خاقان ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ‹‹مۇشەررەفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى شۈبھىسىزكى پاكىستان–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ، چۈنكى، مۇشەررەفنىڭ ھەركىتى كىشىلەرگە ئۇنىڭ تۇتقان يولى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى. ھازىر، بۇ مەسىلە ھەل بولدى ›› .

     بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشەررەفنى قوللىشى--- ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كىشىلەردە ‹‹ پاكىستاننىڭ رادىكال كۈچلەرگە زەربە بېرىش جەھەتتە ئېرىشكەن ياردىمى پاكىستاندىكى دېموكىراتىك كۈچلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بەدىلىگە كەلگەن›› ، دېگەندەك گۇمانلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. بۇ يىل 2–ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن، پاكىستان يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. بۇلتۇر، ھەربىي ۋەزىپىسىدىن قالغان مۇشەررەفنىڭ كۈچى يەنىمۇ ئاجىزلىدى. بۇش ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارلىقنى تەدرىجىي يىراقلاشتۇرۇشقا باشلىدى.

     ئامېرىكىدىكى ئاقىللار ئورگىنى بولغان خەلقئارالىق مۇناسىۋەت سىياسەت مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىس رېك پورتىن مۇنداق دېدى:‹‹ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا قاراتقان سىياسىتى مۇشەررەف بىلەن پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرىدىن ئىبارەت تالاش–تارتىش بولىۋاتقان ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ، پاكىستان خەلقى ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا ياخشى ئىش ھېساپلانمايدۇ. 165 مىليون نۇپۇسقا ئىگە بولغان پاكىستان چوڭ دۆلەت شۇنداقلا مۇرەككەپ جاي ھېساپلىنىدۇ. ھەممىلا ئىشنى ھۆكۈمرانلار ۋە ھەربىي دائىرىيلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرساق بولمايدۇ. پاكىستان دۆلەت ئىچىدىكى دېموكىراتىك كۈچلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك›› .

     مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رائىس مۇشەررەفنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ تېررورىزىمغا زەربە بېرىش سېپىگە قوشۇلغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ‹‹مۇشەررەف— دۇنيا بويىچە ئامېرىكىنىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى ھەممىدىن بەك قوللىغان ھەمراھلىرىنىڭ بىرى›› ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رائىس يەنە مۇشەررەفنى تەختتىن قوغلاپ چۈشۈرگەن پاكىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    پاكىستان يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ

     مۇشەررەف زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، پاكىستان يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتى يەنىلا بىخەتەر بولالامدۇ؟ تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹مۇشەررەفنىڭ ئايرىلىشى— پاكىستان يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتىغا ئانچە زور تەسىر كۆرسەتمەيدۇ›› .  

    ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دىگەن: ‹‹پاكىستاندا، يادرو قوراللىرىنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدىغىنى زۇڭتۇڭ بولماستىن بەلكى 10 كىشىدىن تەركىپ تاپقان كومىتېت ھېساپلىنىدۇ. پاكىستان ھۆكۈمىتى تەلتۆكۈس غۇلاپ چۈشكەندىلا بۇ يادرو قوراللار رادىكال كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. مۇشۇ ئاينىڭ 18– كۈنى مۇشەررەف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى سومرو زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاقتىنچە ئۆتەيدىغان ھەمدە بۇ 10 كىشىلىك كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇپ، پاكىستان يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى›› .  

     پاكىستان يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان پاكىستان ئىستراتېگىيىلىك پىلان باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى خالىد جىدۋائى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹پاكىستاندىكى 10 مىڭ ئەسكەر پاكىستان يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ تۇرماقتا. ئامېرىكىمۇ 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. بازا تەشكىلاتى بىلەن تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس. پاكىستاننىڭ يادرو قوراللىرى، رىئاكسىيە ماتېرىياللىرى ۋە ئۇل مۇئەسسەسەلىرى قەتئىي بىخەتەر›› .  

   لوندونغا جايلاشقان جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيىلىك مۇقىملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مارىيا مۇنداق دېدى: ‹‹پاكىستاندىكى يادرو قوراللىرى بىرلا ئادەمنىڭ مۈلكى ئەمەس. پاكىستاندىكى ھەر قانداق سىياسىي ئۆزگىرىش پاكىستان يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ›› .  

    پاكىستان—ئىسلام دۇنياسىدىكى يادرو قوراللىرىغا ئېرىشكەن تۇنجى دۆلەت بولۇپ، 1998–يىلى، ھىندىستاننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا جاۋابەن تۇنجى قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يادرو ئۇرۇشى يۈز بېرىش تەھدىتى تەدرىجى ئازايدى. ئەمما، پاكىستان سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئارقا–ئارقىدىن ئۆزگىرىشى، بازا تەشكىلاتى ۋە تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پاكىستان- ئافغانىستان چېگرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى—كىشىلەرنى پاكىستان يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.    

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ