باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
روسىيە –ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە نەزەر
2008- 08- 26 11:54 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

      يېقىندىن بۇيان، روسىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش— ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققەت ئوبيېكتىغا ئايلاندى .بۇ توقۇنۇشنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغىنى— ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك تىركىشىشتىن ئىبارەت. مۇشۇ ئاينىڭ 20–كۈنى، ئامېرىكا بىلەن پولشا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى بويىچە رەسمىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇنىڭغا قارىتا، رۇسىيىمۇ بوش كەلمەستىن، بىر قاتار قارشى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بىر تەرەپتىن، روسىيە بىلەن بېلوروسىيە ئىككى دۆلەت بىرلىككە كەلگەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا قوشۇلدى. سۈرىيە زۇڭتۇڭى ئاساد روسىيىدە زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى، روسىينىڭ سۈرىيە زېمىنىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، روسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان 2008–يىللىق ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق پىلانىنى قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. روسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت 8–ئاينىڭ ئاخىرلىرى يىراق شەرق رايونىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرىمۇ بىكار قىلىندى.     روسىيە –ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە نەزەر

     ئامېرىكا بىلەن روسىيە بىر–بىرىگە يول بەرمەستىن تىركىشىپ تۇرغانلىقتىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سوۋۇشقا باشلىدى. ئەمما، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.

     روسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت كۈچى ۋە ھەربىي كۈچى ئەسلىگە كەلدى ۋە ئاشتى. پۇتىن ۋە مېدۋېدېۋدىن ئىبارەت ئىككى زۇڭتۇڭ رۇسىيىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، رۇسىيىنىڭ يەر شارىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ يەككە تەرەپلىمىلىك سىياسىتىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئامېرىكىنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. ئەمما، رۇسىيىنىڭ دۆلەت كۈچى تېخى ئامېرىكا بىلەن قارشىلاشقىدەك ھالەتكە كەلگىنى يوق.

     روسىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنى كۆرسىتىش بولماستىن بەلكى تۆۋەن چەكنى ساقلاپ قېلىش يەنى دىپلوماتىك ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىغا ئۆز مەنپەئەتى شۇنىڭدەك رۇسىيىگە بېسىم ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت بوشلۇقىنى ئەڭ زور چەكتە ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. روسىيە يېقىندىن بۇيان قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ سىموۋوللۇق ئەھمىيىتى ئەمەلىي ئەھمىيىتىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئۆز پوزىتسىيىسىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەد قىلىدۇ.

     ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، روسىيىنى يەنىمۇ قىستاپ، ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىدىغان قىلىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. روسىيە بىلەن ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىدىن ساقلىنىش، رايون توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش، مۇھىت ئاسراش، ئىقتىساد–سودا، ئېنېرگىيە مەنبەسى ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەتلەرگە ئىگە. بىر قىسىم قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە مەسىلەن چاۋشيەن يادرو قوراللىرى مەسىلىسى، ئىران يادرو قوراللىرى مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە، ئامېرىكا رۇسىيىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشىغا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىنى تەنقىد قىلىدىغان ئاۋازلىرى يېقىندىن بۇيان بىر ئاز پەسىيىپ قالدى. يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رايىس ‹‹ئامېرىكا بىلەن روسىيە مۇناسىۋىتى بۇزۇلمايدۇ›› ، دېدى.

     نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا زور پەرقلىق بولۇپ، ئۆز–ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ ھەمكارلاشماسلىقنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ھەممەيلەننىڭ ئورتاق قارىشىغا ئايلاندى. خەلقئارادىكى نۇرغۇن ئىشلاردا، ئامېرىكا روسىيە بىلەن ھەمكارلاشمىسا بولمايدىغان بولدى. روسىيە كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى تىكلەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك نىشاننى چىقىش قىلغان ھالدا، ئامېرىكا بىلەن قارشىلاشمايدىغان بولدى. ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا، كۈرەش ئېلىپ بېرىش ۋە يول قويۇش داۋامىدا مەنپەئەتنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىدىغان بولغانلىقتىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىسسىق ۋە سوغۇق بولۇش ئارىسىدا ئىلگىرلىشى مۇمكىن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ