|
ئو ت م باشلانغاندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولىمپىك پوچتا بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ئولىمپىك خاتىرە پوچتا بۇيۇملىرى، پوچتا بۇيۇملىرى بازىرىدىكى ئەڭ ‹‹بازارلىق مال››غا ئايلاندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بېيجىڭ ئو ت م نى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 8 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى ئۈرۈمچىدىكى ئالتە چوڭ تىجارەت نۇقتىسىدا ئو ت م ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ خاتىرە پوچتا ماركىسى ھەم ھەر خىل خاتىرە پوچتا ماركىلىرىنى چەكلىك مىقداردا تارقاتقان، ئولىمپىك پوچتا خاتىرە بۇيۇملىرى ئۈچ سائەتتىلا سېتىلىپ بولغان.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئالىم ئەپەندى مۇنداق دېدى: ‹‹مەن پوچتا بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلاشقا بەك ھېرىسمەن، ئەمما بۇ قېتىم ئولىمپىك پوچتا خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىۋالالماي قالدىم، ھازىر كۈندە دېگۈدەك ھەرقايسى پوچتىخانىلارغا بېرىپ، بىرەر يۈرۈش ئولىمپىك پوچتا خاتىرە ماركىسىنىڭ تېپىلىپ قېلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ يۈرۈۋاتىمەن››.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تارقىتىلغان ‹‹29 – نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى خاتىرە پوچتا ماركىسى›› نى بېيجىڭ ئو ت م ئېچىلىش – يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ باش رېژىسسورى جاڭ يىمو قاتارلىقلار لايىھىلىگەن بولۇپ، قىممىتى 2.1 يۈەن ئىكەن.
|