باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەركەز مالىيىسى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا 3مىليارد 510مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى
2008- 08- 26 11:46 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. مالىيە مىنىستىرلىكىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم يېقىندا مۇنداق دېدى: ‹‹ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتتا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەركەز مالىيىسى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ. مەركەز مالىيىسى بۇ يىل ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۇلارغا مەخسۇس 3 مىليارد 510 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى››.

   مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەركەز مالىيىسى  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن – تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش فوندى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازىرىنى ئېچىش مەبلىغى، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش مەبلىغى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سىستېمىسى مەخسۇس تولۇقلىما مەبلىغى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ  تەرەققىياتىغا مەدەت بەرگەن. مەركەز مالىيىسى2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە  يۇقىرىقى تۈرلەر ئۈچۈن 17 مىليارد يۈەن ئاجراتقان.

   مەركەز مالىيىسى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى باج يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللىدى. مەركەز مالىيىسى يەنە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 2006 – يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىدىن ئۇلارنىڭ ئىناۋەتلىك كېپىللىك كەسپىنى يولغا قويۇشىغا ياردەم بېرىش مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كېپىللىك قەرز ئېلىش جەريانىدىكى زىيىنىغا تۆلەم بېرىش مېخانىزمى ئورناتتى.

   مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەركەز مالىيىسى 2006 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە   238 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 266 كېپىللىك  ئاپپاراتىغا ياردەم بەرگەن. 2006 – يىلى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كېپىللىك كەسپىگە 70 مىليارد يۈەن سەرپ قىلىنغان، بۇ پۈتكۈل مەملىكەتتىكى كېپىللىك ئاپپاراتى  كېپىللىك كەسپى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %22 ىنى ئىگىلىگەن. 2007 – يىلى مەركەز مالىيىسى 188 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 188 كېپىللىك ئاپپاراتىغا ياردەم بەرگەن، بۇ پۈتكۈل مەملىكەتتىكى كېپىللىك ئاپپاراتى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %5 ىنى ئىگىلىگەن.

   مەركەز مالىيىسى 2008 – يىلى خام چوتىدىن 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كېپىللىك كەسپىگە ياردەم بەردى. ئۇنىڭدىن سىرت، مەملىكەت بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، پايدا ئالمايدىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كېپىللىك، قايتا كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كېپىللىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ قىلغان كىرىمىدىن ئۈچ يىلغىچە تىجارەت بېجى ئالمايدىغان بولدى.

   مالىيە مىنىستىرلىكىدىكىلەر مۇنداق دېدى: ‹‹مالىيە، باج سىياسىتى كېپىللىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا پائال يېتەكچىلىك رول ئويناپ، كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ خېيىمخەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كېپىللىك قەرز بىلەن تەمىنلەش ئاكتىپلىقىغا  ئۈنۈملۈك ئىلھام بېرىپ، كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ قېلىپلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا قەرز بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقى ۋە كېپىل بولۇشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى يېنىكلىتىشتە پائال رول ئوينىدى››.

   مەركەز مالىيىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت – تەدبىرلىرىمۇ ئەمگەكنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2002 – يىلىدىن بۇيان ئېلىمىز ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلارغا ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغان، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز قالدۇقى 9 مىليارد 852 مىليونغا يەتكەن، مەركەز مالىيىسى 1 مىليارد 163 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق كېپىللىك ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئاجراتقان. 2008 – يىلى ئەمگەكنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان كارخانىلارغا بېرىلىدىغان ئۆسۈملۈك قەرز پۇل 2 مىليون يۈەنگە كۆپەيتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇكاپاتلاش ۋە خېيىمخەتەر تولۇقلىما مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز بېرىش سىياسىتىنىڭ رولى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ