|
ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ۋېنچۇەندە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى يەر تەۋرەشتىن شەپە بېرىدىغان بىنورمال ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن، ھازىر ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە بۇنداق كۆزىتىش نۇقتىسىدىن 300 نى قۇرغان، ھايۋانلار يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىدىغان ››قاراۋۇل‹‹لاردىن بولۇپ قالغان.
يەر تەۋرەشتىن شەپە بېرىدىغان بىنورمال ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىشتە توخۇ، بېلىق، ئىت، كەپتەر قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ سەزگۈر ئىنكاسىغا ئاساسەن، يەر تەۋرەش ئالدىن كۆزىتىلىدۇ. يەر تەۋرەشتىن شەپە بېرىدىغان بىنورمال ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە، بولۇپمۇ قىسقا مۇددەتتىكى ۋاقىتلىق مەلۇمات بېرىشتە مۇھىم رولغا ئىگە، ئۇ يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يەر تەۋرەشنى ئالدىن كۆزىتىشتە ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە ئۇنىڭ ياردىمى چوڭ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىلىرى باقمىچىلار بېقىۋاتقان ئۆي ھايۋانلىرىنى نەق مەيداندا كۆزىتىش ئارقىلىق، شەھەرنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمايدىغان، ئىشەنچلىك، ھايۋاناتلارنىڭ تۈرى ۋە سانى كۆپ باقمىچىلىق رايونلىرىنى كۆزىتىش نۇقتىسى قىلدى. باقمىچىلارنى تەربىيىلەپ، كۆزىتىش قائىدىسى ۋە تەرتىپىنى بېكىتىپ، خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، يەر تەۋرەشتىن شەپە بېرىدىغان بىنورمال ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلدى.
باقمىچىلارنىڭ ھەر كۈنى ھايۋانلار (توخۇ، ئىت، كالا، قوي، بېلىق قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى، قۇشلىرى)نى ۋە يەر ئاستى سۈيى (قۇدۇق ياكى بۇلاق) نى كۆزىتىشى ھەم خاتىرە قالدۇرۇشى؛ بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلمىگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم يەر تەۋرەش ئىدارىسىگە تېلېفوندا ئەھۋال مەلۇم قىلىشى، بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا تېلېفوندا مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىندى. ھۆكۈمەت تارماقلىرى كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى باقمىچىلارغا بەلگىلىك تولۇقلىما بېرىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئۆي قۇشلىرىدىكى نورمالسىزلىق يەر تەۋرىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان بىردىنبىر ئاساس ئەمەس. ئادەتتە كۈچلۈكرەك يەر تەۋرەشتىن بۇرۇن بەزى بىنورمال ئەھۋاللار ئالدىن كۆرۈلىدۇ. يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرىكى بېشارەت يەنە ماكرولۇق بېشارەت ۋە مىكرولۇق بېشارەت، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، ماكرولۇق بېشارەتتە ھايۋانلاردا بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ، قۇدۇق سۈيى دۇغلىشىدۇ، بۇلارنى كۆزىتىش ئارقىلىق سەزگىلى بولىدۇ. مىكرولۇق بېشارەتتە يەر شەكلى، سۇ، يەر زەرىتى، يەر ماگنىتى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ، بۇلارنى ئادەتتە كەسپىي ئەسۋابلار ئارقىلىق كۆزەتكىلى بولىدۇ، مۇشۇنداق بىنورمال ئامىللارنىڭ كۆرۈلۈشىنى يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتىكى ئاساس قىلىش تەس، پەقەت كۆپ خىل ماكرولۇق، مىكرولۇق بىنورمال ئەھۋاللارنى ئۆز ئارا دەلىللىگەندىلا، يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە بىر قەدەر ئىشەنچلىك ئاساسقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
|