|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان ۋە تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كورىيە، تاجىكىستان، تۈركمەنىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 8 – يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 25 – ئاۋغۇست مەخسۇس ئايروپىلاندا كەتتى.
رەئىس خۇ جىنتاۋغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لىڭ جىخۇا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، دۆلەت كومىسسارى دەي بىڭگو، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ پىڭ، سودا مىنىستىرىمىز چېن دېمىڭ، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز لى خۇي، رەئىس ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن شىجۇ، دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىزنىڭ ياردەمچىسى خۇ جېڭيۆلار بار.
|