باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 08- 26 11:42 شىنجاڭ گېزىتى

   . دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئىراق زۇڭتۇڭى تالابانى ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

   . ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى فراتو 24 – ئاۋغۇست سۆز قىلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ يېقىندا يەرلىك قوراللىق كۈچلەرگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا 100گە يېقىن بىگۇناھ پۇقرانى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ قويغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئافغانىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋەقەدە قازا قىلغان ئافغانىستان پۇقراسى 80 گە يەتكەن.

   . ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى 24 – ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ئىراق پايتەختى باغداتنىڭ غەربىدىكى ئەبۇغەرب رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق زىياپەتتە ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 21 كىشى قازا قىلدى، 32 كىشى يارىلاندى.

   . ‹‹بوئېئىڭ – 737›› بەلگىلىك بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى 24 – ئاۋغۇست كەچ سائەت  8 ئەتراپىدا قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتىكى ماناس ئايروپورتىنىڭ ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىپ، 70 كىشى قازا قىلدى.

   .  پاكىستان ‹‹تاڭ›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 25 – ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسىدە شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن راكېتا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئون كىشى قازا قىلغان. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ