باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
شىنجاڭ دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ ‹‹ئاز تۇغۇش، تېز بېيىش››ىغا 219مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى
2008- 08- 26 11:40 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قەشقەر، 25 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرلان ئابىلمەجىن 25 – ئاۋغۇست شىنجاڭنىڭ ‹‹ساغلام تۇغقان، ئوبدان باققان›› ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاشقا 219 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر ‹‹ئاز تۇغۇش، تېز بېيىش›› قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ چەت – ياقا جايلىرىدىكى نۇرغۇن دېھقان – چارۋىچىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا مەدەت بولدى.

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا ‹‹پىلانلىق تۇغۇت ئالاھىدە مۇكاپاتلاش سىياسىتى››نى يولغا قويۇپ، ‹‹يالغۇز پەرزەنت گۇۋاھنامىسى›› ۋە ‹‹ئاتا – ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى›› ئالغان دېھقان – چارۋىچىلار ئائىلىلىرىنى بىرلا قېتىمدا 3000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئاتا – ئانا ھەر ئىككىيلەن ئېيىغا 50 يۈەن تولۇقلىما ئالىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گوجياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يېزىلىرىدا پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 100 مىڭ ئائىلە 3000 يۈەندىن مۇكاپاتلاندى، گۇۋاھنامە ئالغان ئائىلىلەرنىڭ نېسى قالغان مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرۈش مەسىلىسىمۇ پات ئارىدا ھەل بولىدۇ.

   ھازىر شىنجاڭدا مالىيە ئاساسلىق مەنبە قىلىنغان پىلانلىق تۇغۇت ئۇزاق ئۈنۈملۈك سېلىنما مېخانىزمى ئاساسەن بەرپا قىلىندى، گۇۋاھنامە ئالغان دېھقان – چارۋىچىلار ئائىلىلىرىنى مۇكاپاتلاشقا كېتەرلىك مەبلەغنىڭ %70 ىنى ئاپتونوم رايون مالىيىسى، %30 ىنى ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ ھەم ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يىللىق مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا 1 مىليون 85 مىڭ 200 ئائىلە ‹‹ئىككى گۇۋاھنامە›› ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹ئىككى گۇۋاھنامە›› ئالغان دېھقان – چارۋىچى ئائىلىسى 278 مىڭ 300 گە يەتكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا پىلانلىق تۇغۇت ئالاھىدە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولغان ئائىلە 35 مىڭ 600 گە يەتكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ