|
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت 25 – ئاۋغۇست زامبىيەنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، ئېلىمىز ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن زامبىيە زۇڭتۇڭى مۇۋاناۋاسانىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە گۈلچەمبىرەك ھەدىيە قىلدى. زامبىيەنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى مۇرۇتۇلا مۇئاۋىن رەئىس ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بېرىپ تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
·دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭلى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن 25 – ئاۋغۇست بىناسىدا، ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن ميەنمار دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دىڭ ئەي بىلەن كۆرۈشتى.
·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۈي 25 – ئاۋغۇست بېيجىڭدا نىپال كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى پراچاندا بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ جيارۈي نېپال كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان دوستانە سىياسىتىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى تەرىپلەيدىغانلىقىنى ھەمدە ‹‹ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل، پۈتۈنلەي باراۋۋەر، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر– بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق›› تىن ئىبارەت پارتىيىلەر ئارا مۇناسىۋەتتىكى 4 تۈرلۈك پرىنسىپ ئاساسىدا نېپال كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
·25 – ئاۋغۇست مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنىڭ (7 ) لايىھىسىدە، ئەتكەسچىلىككە چېتىلىدىغان بەزى جىنايى ئىشلار نىزاملىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دۆلەت ئىمپورت – ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلىگەن باشقا بۇيۇملارنى ئەتكەس قىلىش جىنايىتى ۋە شۇنداقلا جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىگە ئائىت بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلگەن.
·دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە: ئالدىنقى 7 ئايدا، ئېلىمىزدا كۆلەمدىن يۇقىرى توقۇمچىلىق كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى توقۇلما بۇيۇملارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى سىجىل ئاشقان. ئەمما ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاستا بولغان.
·مۇخبىرنىڭ يېقىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، ئىقتىسادى تەپتىش مەھكىمىسى، دۆلەت چىرىكلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى ۋە دۆلەت چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى مىنىستىرلىكلەر ئارا بىرلەشمە يىغىن مېخانىزىمى قۇرغان بولۇپ، پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا بىر يىللىق پارتىيە- ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىشىنى چەكلەش مەخسۇس تۈرلۈك خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
|