|
21 – ئاۋغۇست ئېچىلغان 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى زال ئىچى – سىرتىدا تەسىس قىلىنغان 2090 يايما ئورنى ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيانقى يايما كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىقى بولۇپ قالىدىكەن.
ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئۇدا 16 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى ئاكتىپ رول ئوينىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك رايون خاراكتېرىدىكى يەرمەنكە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ ۋېي سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق كېڭىشى بولدى. بىز ئىدىيىنى يېڭىلاپ، يېڭى چىقىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئۆزگىچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى سەۋىيە يارىتىپ، جۇڭگو – چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە سودىگەرلىرىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.
|