|
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلىۋاتقان كۈنلەردە، يۈي شاۋشەن، جاڭ ساڭ، گو جى، نىياز كېرىم شەرقىي، قاينام جاپپار قاتارلىقلارنىڭ قايناق ھېسسىيات، قويۇق مىللىي پۇراق ۋە يارقىن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەسەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ‹‹شىنجاڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياش خەتتاتلار ۋەكىللىرىنىڭ ئەسەرلىرى توپلىمى›› شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 30 كىتابچىدىن تەركىب تاپقان بۇ ئۈچ يۈرۈش توپلامغا يۈي شاۋشەن، جاڭ ساڭ، گو جى، نىياز كېرىم شەرقىي، قاينام جاپپار، مەۋلان نىياز، قۇربانجان روزى شەيدائى، ئابلىكىمجان زۇنۇن جەۋلانىي، جارقىن ئامانبېك قاتارلىق ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق خەتتاتلىرىنىڭ ئولىمپىكقا ئاتاپ يازغان ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نىياز كېرىم شەرقىي توپلامنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاتاپ تەييارلىغان بۇ ئېسىل سوۋغىسى تولىمۇ قىممەتلىك. خەتتاتلارنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ھەر بىر ئەسەردە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن بولۇپ، بەزى ئەسەرلەر چىرايلىق دېڭىز دولقۇنلىرىنى ئەسلەتسە، بەزى ئەسەرلەر شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۈيىنى ئەسلىتىدۇ، بەزى ئەسەرلەر ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىلىرىنى ئەسلەتسە، بەزى ئەسەرلەر گۈل – چېچەكللەرگە پۈركەنگەن باغلارنى ئەسلىتىدۇ. ھەر بىر ئەسەر كىتابخانلارغا ئۆزگىچە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.››
ئىگىلىنىشىچە، بۇ توپلامغا ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن خەتتاتلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى ياكى شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، دىيارىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگەن گۈزەل سەنئەت خادىملىرى ئىكەن.
|