|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 21 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. روسىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى لېئونىد گاگاچوۋ 21 – ئاۋغۇست بېيجىڭدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى ئو ت م لىرىگە ئوخشاش، روسىيە تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م دە ئالتۇن مېدال ئېلىش نۇقتىلىرى ئو ت م نىڭ كېيىنكى يېرىمىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، روسىيە بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتىكى رەت تەرتىپىدە 3 – لىككە ئېرىشەلەيدۇ.
گاگاچوۋ شۇ كۈنى بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنھەرىكەت سارىيىدا ئو ت م نىڭ چېلىشىش مۇسابىقىسىنى كۆردى. ئۇ مۇسابىقىدىن كېيىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقىلارنى ئېيتتى.
گاگاچوۋ مۇنداق دېدى: روسىيىنىڭ كۈچلۈك تۈرلىرى بېيجىڭ ئو ت م نىڭ كېيىنكى يېرىمىغا مەركەزلەشكەن، ‹‹يېقىنقى بىر قانچە كۈندە بىز كۆپ مېداللارنى قولغا كەلتۈردۇق، ئو ت م نىڭ قالغان مۇسابىقە كۈنلىرىدە بىز يەنە داۋاملىق مېدال ئالىمىز، يەنە بەشتىن ئالتىگىچە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز››.
ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: روسىيىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مېدال سانى 3 – ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئەنگلىيىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، بارلىق مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا روسىيىنىڭ ئالتۇن مېدال سانى ئەنگلىيىنىڭكىدىن ھەرگىز ئاز بولمايدۇ.
بۇ خەۋەر بېرىلىشتىن ئىلگىرى، روسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 16 ئالتۇن مېدال، 16 كۈمۈش مېدال ۋە 19 مىس مېدال ئېلىپ، ئو ت م مېدال رەت تەرتىپىدە 4 – ئورۇننى ئىگىلىدى، 3 – ئورۇندىكى ئەنگلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 17 ئالتۇن مېدال، 11 كۈمۈش مېدال ۋە 11 مىس مېدالغا ئېرىشتى.
|