باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد–سودا يەرمەنكىسىنىڭ قاتتىق دىتال مۇئەسسەسە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايون يېڭىدىن خەلقئارا يەرمەنكە مەركىزى قۇرىدىكەن
2008- 08- 25 12:07 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد–سودا يەرمەنكىسىنىڭ قاتتىق دىتال مۇئەسسەسە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايون يېڭىدىن خەلقئارا يەرمەنكە مەركىزى قۇرىدىكەن ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان يەرمەنكە مەركىزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 200 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ كۆلىمى 110 مىڭ كۋادىرات مېتىربولۇپ ، ئۇنىڭ كۆلىمى نۆۋەتتىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ كۆلىمىدىن 10 ھەسسە چوڭ ئىكەن . يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلقئارا يەرمەنكە مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى خېنەن شەرقىي يولىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئومۇمىي گەۋدە لايىھىسى پۈتۈپ بولغان ، بىرىنچى قارارلىقتا 90 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمدە ئىش باشلىنىدىغان بولۇپ ، 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان ، بۇ قۇرۇلۇشتا بۇ يىل ئىش باشلىنىدىكەن .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ