|
. پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 22 – ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى ۋاخ بازىرىدا 21 – ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار 70 كە يەتكەن، نەچچە ئون كىشى يارىلانغان.
. ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى بىلەن ب د ت باش كاتىپى بان كىمون 21 – ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى پاكىستاندا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
. روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرديۇكوۋ 21 – ئاۋغۇست موسكۋادا ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە، روسىيىنىڭ 22 – ئاۋغۇستتا گرۇزىيىدىن جەنۇبىي ئوسېتىيىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان جايدىكى روسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا ياردەم بېرىدىغان بارلىق قوشۇنىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
. پاكىستان سايلام كومىتېتىنىڭ كاتىپى دىلشاد 22 – ئاۋغۇست ئىسلامئابادتا، پاكىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 6 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
. ئامېرىكىنىڭ روسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون بېل 22 – ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن روسىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىغا ئالاقىدار ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا روسىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يەر شارى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما بەرپا قىلىشتىكى شېرىكى بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
|