|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 22 – ئاۋغۇست ‹‹خەلق›› سارىيىدا، بېيجىڭ ئو ت م ۋە ئۇنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بروۋېن بىلەن كۆرۈشتى.
خۇ جىنتاۋ بروۋېنىڭ بېيجىڭ ئو ت م ۋە ئۇنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئەنگلىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئو ت م دە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭ، لوندون ئارقا – ئارقىدىن ئو ت م ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن ئو ت م ئۆتكۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئولىمپىك ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. 2012 – يىللىق لوندون ئو ت م نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمەن.
بروۋېن مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈش تەجرىبىسى ۋە بىر قىسىم تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، لوندون ئو ت م نى يۇقىرى سەۋىيىلىك تەنھەرىكەت كۆرىكىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىك ۋە دۇنياۋى قاراش بويىچە مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورۇنلۇق تەلەپلەرگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئېتىبار بېرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – ئەنگلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادا زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشەش بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت كەسكىن، مۇرەككەپ. دۇنيادىكى مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىككى دۆلەت كۆپ تەرەپلىك ۋە قوش تەرەپلىك يول ئارقىلىق زور خەلقئارا مەسىلىلەردە زىچ ئالاقىنى ساقلاپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ؛ دۇنيا سودا تەشكىلاتى دۇھا سۆھبىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ؛ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىشنىڭ يېڭى ساھەلىرى، يېڭى ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئورتاق ماكانىمىزنى بىللە قوغدايدۇ.
بروۋېن خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنى قۇۋۋەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە – جۇڭگو ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىۋاتىدۇ، قوش تەرەپلىك سودا تېز ئاشتى، مەدەنىيەت، مائارىپ، خادىملارنىڭ ئالاقىسى جانلاندى. ئەنگلىيە پەن – تېخنىكا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، يادرو ئېنېرگىيىسى ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىش، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت نىڭ 1000 يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەدەنىيەت، خادىملارنىڭ ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشنى، ئىنسانىي ھوقۇق ساھەسىدە سۆزلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەنگلىيە جۇڭگو بىلەن بىللە، سودا قورۇقچىلىقىغا ئورتاق زەربە بېرىپ، دۇنيا سودا سۆھبىتى، ئېچىۋېتىلگەن، مۇقىم دۇنيا سودا سىستېمىسى ۋە خەلقئارا مېخانىزم ئىسلاھاتىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 22 – ئاۋغۇست ‹‹خەلق›› سارىيىدا، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بىر قىسىم چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
خۇ جىنتاۋ ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نى كۆرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م دە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: ئو ت م نىڭ دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەنلىكى دۇنيانىڭ جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىكى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۇنياغا تۆھپە قوشقانلىقىدۇر. بېيجىڭ ئو ت م جۇڭگو خەلقىگە، شۇنداقلا دۇنيا خەلقىگە مەنسۇپ.
ھەرقايسى ئەل رەھبەرلىرى بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن زور، ئۈنۈملۈك تىرىشچانلىقىنى يۈكسەك تەرىپلىدى، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئەل تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە تاماشىبىنلىرىنى قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
خۇ جىنتاۋ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە كەڭ – كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردى.
|