|
● بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا ، ئېھتىياج ۋە باھانىڭ ئورتاق تەسىرىدە ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىستېمال بويۇملىرى بازىرىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى تېز سۈرئەتتە ئاشتى ، ئىجتىمائى ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 55 مىليارد 405 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن %21.6 ئاشتى . بۇ يىل 1–ئايدىن 7–ئايغىچە ، ئاپتونوم رايونىمىز مېھمانخانا ۋە يېمەك–ئىچمەك كەسپىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن% 19 ئاشتى ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مېھمانخانا كەسپى ۋە يېمەك–ئىچمەك كەسپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ، پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن% 19.9 ئاشتى . تومۇز ئىسسىق كىرگەندىن كىيىن ، ئوتتۇرا ، كىچىك تىپتىكى يېمەك–ئىچمەك كارخانىلىرى ۋە يەككە ، خۇسۇسى ئاشخانىلارنىڭ تەرەققىياتى تىزبولدى .
● ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆمۈر كان كارخانىلىرى نۆۋەتتە 377 گە ئازلىدى ، كۆمۈر كان بايلىقلىرىنى تەكرار قېزىش نىسبىتى ئىلگىرىكى %30 تىن % 60 كىچە كۆپرەككە يەتتى .
● 22–ئاۋغۇست ، يەنى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سودا كۈنىگە قەدەر ، شاڭخەي، شېنجىن پاي چېكى بازىرىنىڭ بازار ئوبوروت قىممىتى 5 تىرلىيون 369 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن %0.23 ئاز بولدى . بۇ مەزگىلدە شاڭخەي ، شېنجىن پاي چېكى بازىرىنىڭ بازار ئومۇمىي قىممىتى 15 تىرىليون 646 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ ، بىر ھەپتىدىلا% 1.82 كېمەيدى .
● دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئايلىق ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، 1–ئايدىن 7–ئايغىچە ، شەھەر ، بازارلارنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 7 تىرىليون 216 مىليارد يۈەن بولۇپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%27.3 ئاشقان ، ئېشىش دەرىجىسى 1–ئايدىن 6–ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىسىدىن 0.5 پوئىنت ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.7 پوئىنت تېز بولغان . 1–ئايدىن 7–ئايغىچە ، ئىجتىمائى ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 5 تىرىليون 967 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%21.7 ئاشقان ، ئېشىش سۈرئىتى 1–ئايدىن 6–ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىسىدىن 0.3 پوئىنت ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.2 پوئىنت يۇقىرى بولغان .
|