باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
ئاياللار تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدال جۇڭگوغا تەئەللۇق بولدى، ئاياللار چوماق توپ كوماندىمىز كۈمۈش مېدال ئالدى
2008- 08- 25 11:35 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. 22 – ئاۋغۇست كەچ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ تىكتاك توپ سارىيى جۇڭگولۇقلارنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى، ھەيۋەتلىك ‹‹پىدائىيلار مارشى››ساداسى ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقتىن ئۈچى ئاستا – ئاستا كۆتۈرۈلدى. ئاياللار چۇماق توپ كوماندىسىمۇ شانلىق نەتىجە ياراتتى. ئۇلار ئو ت م دا تۇنجى قېتىم كۈمۈش مېدال ئالدى.

   بېيجىڭ ئو ت م دا 22 – ئاۋغۇست 21 ئالتۇن مېدال تارقىتىلدى. جۇڭگو كوماندىسى بىر ئالتۇن، ئىككى كۈمۈش، ئۈچ مىس مېدال ئېلىپ، مېدال سانى 47 ئالتۇن، 17 كۈمۈش، 25 مىس مېدالغا يەتتى، ئالتۇن مېدالنىڭ سانى داۋاملىق 1 – ئورۇندا تۇردى.

   22 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، كىشىنى ھەممىدىن ھاياجانغا سالىدىغان ئىش تىكتاك توپ سارىيىدا يۈز بەردى. بۇ يەردە جۇڭگو كوماندىسى ئاياللارنىڭ يەككە ئويناش تۈرىدە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقتىن ئۈچنى بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا جەۋلان قىلدۇردى.

   ئافىنا ئو ت م دا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن يازلىق ئو ت م نىڭ 100 – ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرگەن جاڭ يىنىڭ 22 – ئاۋغۇست كەچتە سەپدىشى ۋاڭ نەننى يېڭىپ، دىڭ ياپىڭدىن كېيىن ئو ت م نىڭ تىكتاك توپ تۈرىدە چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغان 2 – كىشىگە ئايلاندى. ئۇ يەنە ئو ت م غا قاتنىشىش تارىخىدىكى 4 – ئالتۇن مېدالنى ئېلىپ، ئومۇمىي سان جەھەتتە ۋاڭ نەن، دىڭ ياپىڭ بىلەن تەڭلەشتى.

   ئۈچەيلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئىككى تۈردە ئىككى ئالتۇن مېدال، بىركۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسى بېيجىڭ ئو ت م دىكى سەپىرىنى نەتىجىلىك ئاياغلاشتۇردى. ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن پەيتتە، جۇڭگو ئەرلەر تىكتاك توپ كوماندىسىمۇ يەككە ئويناش تۈرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. شۋېتسارىيىلىك پېشقەدەم ماھىر پارسون يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بىردىنبىر چەت ئەللىك بولدى.

   جۇڭگو ئاياللار چۇماق توپ كوماندىسى 22 – ئاۋغۇست گوللاندىيە ئاياللار چۇماق توپ كوماندىسى بىلەن چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە چۈشتى. نەتىجىدە جۇڭگو كوماندىسى رەقىبىگە تەڭ كېلەلمەي، 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدال ئالدى. بۇ جۇڭگو ئاياللار چۇماق توپ كوماندىسىنىڭ ئو ت م تارىخىدا ياراتقان ئەڭ ياخشى نەتىجىسى.

   جۇڭگو ئاياللار چۇماق توپ كوماندىسى چېمپىيون بولالمىسىمۇ، ئېرىشكەن كۈمۈش مېدالى بىلەن تارىخ ياراتتى. ئو ت م دە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىش كىم چاڭپاك جۇڭگو كوماندىسىغا ترېنېر بولغان ئون يىلدىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ ياخشى نەتىجە. ھېچقانداق ئەيىپى يوق گوللاندىيە كوماندىسى ئالدىدا، جۇڭگو ئاياللار چۇماق توپ كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويسىمۇ، يەنىلا قەھرىمان سانىلىدۇ.

   تۇنجى قېتىم ئو ت م گە قاتناشقان ئەرلەرنىڭ تەپمە بوكس ماھىرى جۇ گو كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئەرلەرنىڭ 80 كىلوگراملىقلار بويىچە مىس مېدالنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلدى، بۇ جۇڭگولۇق ئەر تەپمە بوكس ماھىرىنىڭ ئو ت م دە تۇنجى قېتىم مېدالغا ئېرىشىشى.

  چېمپىيون بولۇشقا نىيەت قىلغان جۇڭگو بوكس كوماندىسىدىكى ئاتامان زۇ شىمىڭ غەلىبىنى خېلى ئاسان قولغا كەلتۈردى. ئەرلەرنىڭ 48 كىلوگراملىقلار بويىچە بوكس مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۇ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىرېلاندىيە ماھىرىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. ئۇنىڭ سەپدىشى جاڭ جىلېي بىلەن جاڭ شياۋپىڭمۇ باشقا ئىككى دەرىجىلىكتە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئوڭۇشلۇق كىردى، ئۇلارنىڭ نەتىجىسى جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ ئو ت م تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ