|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت 22 – ئاۋغۇست ئالاھىدە ترانسفورماتور گۇرۇھى شىنجاڭ كرېمنىي چەكلىك شىركىتى، ‹‹خۇاديەن›› گۇرۇھى ئۈرۈمچى پروئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
ئالاھىدە ترانسفورماتور گۇرۇھى شىنجاڭ كرېمنىي چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 1500 توننا كۆپ كرىستاللىق كرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، ‹‹خۇاديەن›› گۇرۇھى ئۈرۈمچى پروئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى ‹‹جۇڭتەي›› خىمىيە سانائەت رايونىنىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى بۇ يىل 4 – ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹11 – بەش يىل››دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى. كۈرەش مەخسۇت بۇ ئۈچ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا بېرىپ، كارخانىنىڭ دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، تۈرلەرنى يولغا قويۇش داۋامىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش جىددىي بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئىگىلىدى.
كۈرەش مەخسۇت مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق، بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئۇ، كارخانىلارنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم يارىتىشقا تىرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تىرىشىپ ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ ئېچىش قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، دېدى.
|