باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئو ت م نىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمىنى كۆردى
2008- 08- 25 10:28 شىنجاڭ گېزىتى

    دۇنيانى لەرزىگە سالغان 29 – نۆۋەتلىك بېيجىڭ يازلىق ئو ت م داغدۇغىلىق ئاخىرلاشتى. ‹‹چاڭگا››دا 16 كۈن يانغان ئو ت م مەشئىلى مەيداندىكى تۈمەنلىگەن تاماشىبىننىڭ كۆز ئالدىدا ئاستا – ئاستا ئۆچتى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرمۇ  بۇ تارىخىي دەقىقىلەرگە شاھىت بولدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى غوپۇر ئابدۇللامۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمان سۈپىتىدە ئاخىرلىشىش مۇراسىمىنى كۆردى.

   ئو ت م دىن ۋەتىنىمىزنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇق. شىنجاڭ خەلقى شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ئو ت م دە قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار تارىخىي بۆسۈشلەردىن چەكسىز شادلىققا چۆمدى، دېدى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ھاياجان بىلەن.

   شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، خوتەن شەھەرلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ترېنېرى قېيۇم ئابدۇخېلىل مۇنداق دېدى: ‹‹چاڭگا››غا كىرىپلا چەكسىز ھاياجانلاندىم. ئاساسىي قاتلام تەنتەربىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئو ت م نىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم. بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م دە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاجايىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى، شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىپادىسىمۇ قالتىس بولدى، تولىمۇ پەخىرلەندىم. شىنجاڭلىق تېخىمۇ كۆپ تەنھەرىكەتچىنىڭ ئو ت م مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ