| خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى |
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى چېن شيېشيا قاتارلىق ئايال تەنھەرىكەتچىلەرگە مەملىكەتلىك‹‹8–مارت›› بايراقدارى، جۇڭگو ئاياللار گىمناستىكا كوماندىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا مەملىكەتلىك‹‹8–مارت›› بايراقدار كوللېكتىپ دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى
2008- 08- 25 10:25 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئېلىمىز ئايال تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭ 2008 – يىللىق ئو ت م دە قولغا كەلتۈرگەن خۇشاللىنارلىق نەتىجىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 29 – نۆۋەتلىك ئو ت م دە ئالتۇن مېدال ئالغان چېن شيېشيا قاتارلىق تەنھەرىكەتچىلەرگە مەملىكەتلىك ‹‹8 – مارت›› بايراقدارى، جۇڭگو ئاياللار گىمناستىكا كوماندىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا مەملىكەتلىك ‹‹8 – مارت›› بايراقدار كوللېكتىپى، دېگەن شەرەپلىك نام بېرىشنى قارار قىلدى.

   تەقدىرلەش قارارىدا، شتانكا كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرى چېن شيېشيا، ساۋ لېي، قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىلىرى گو ۋېنجۈن، چېن يى، سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىلىرى چېن نولىن، ۋاڭ شىن، سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى ليۇ زىگې، ئوقيا ئېتىش  تەنھەرىكەتچىسى جاڭ جۈەنجۈەن، جۇدو چېلىشىش تەنھەرىكەتچىلىرى ياڭ شيۇلى، تۇڭ ۋېن، پەي توپ تەنھەرىكەتچىلىرى دۇ جىڭ، يۈ ياڭ، قېيىق تەنھەرىكەتچىلىرى تاڭ بىن، جىن زىۋېي، شى ئەيخۇا، جاڭ ياڭياڭ، چېلىشىش تەنھەرىكەتچىسى ۋاڭ جياۋ، گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى خې كېشىن، قاڭقىما كارىۋات تەنھەرىكەتچىسى خې ۋېننا، يەلكەنلىك كېمە تەنھەرىكەتچىسى يىن جيەن، تەپمە بوكس تەنھەرىكەتچىسى ۋۇ جىڭيۈگە مەملىكەتلىك ‹‹8 – مارت›› بايراقدارى، دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى، جۇڭگو ئاياللار گىمناستىكا كوماندىسى، جۇڭگو ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسىغا مەملىكەتلىك ‹‹8 – مارت›› بايراقدار كوللېكتىپى، دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

   بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م دە ئالتۇن مېدال ئالغان گو جىڭجىڭ، ۋۇ مىڭشيا، شى دۇڭمېي، چېن يەنچىڭ، ليۇ چۈنخۇڭ، دۇ لى، جاڭ نىڭ، جاڭ يىنىڭ قاتارلىق تەنھەرىكەتچىلەر ئىلگىرى مەملىكەتلىك ‹‹8 – مارت›› بايراقدارى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ