باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
مۇشەررەف يۇرتىنى تاشلاپ ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشنى خالىمىدى
2008- 08- 22 11:45 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

      پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇشەررەف مۇشۇ ئاينىڭ 19–كۈنى، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە رەددىيە بەردى ھەمدە يۇرتىدىن ھەرگىز ئايرىلماي داۋاملىق پاكىستاندا تۇرىۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى مۇشۇ ئاينىڭ 19– كۈنى، ‹‹ مۇشەررەف ئۆزى خالىغان ھەر قانداق بىر يەردە ئولتۇراقلىشىشقا ھوقوقلۇق››، دېدى.

    مۇشەررەفنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنى ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ

     پاكىستان GEO (جى ئې ئو) تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇشەررەف شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن پارتىيىسى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (داھىيلار مەزھىپى) ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە پايتەخت ئىسلامئابادتا داۋاملىق تۇرۇپ قالماقچى بولغانلىقى، پاكىستاندىن ئايرىلىش ئويى يوقلۇقىنى ئېيتقان.

     خەلق پارتىيىسى مۇشەررەفنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بىخەتەر يول ئېچىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. بۇ، مۇشەررەفنىڭ 2007–يىلى بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، سابىق زۇڭلى بىنەزەر بوتتۇ ئۈستىدىن قىلىنغان چىرىكلىشىش شىكايىتىنى كەچۈرۈم قىلغانلىقىنىڭ جاۋابى دېيىشكە بۇلىدۇ. ئەمما شۇ يىلى مۇشەررەف ئاغدۇرىۋەتكەن شېرىف مۇشەررەفنى كەچۈرۈم قىلىشقا قارشى تۇردى ھەمدە ئۇنى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتلىشىغا تاپشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى . 

     پاكىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خاقانى مۇشەررەفنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بىخەتەر يول ئېچىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار– يوقلۇقىنى ئالدىن مۆلچەرلەشنى رەت قىلدى. ئۇ بۇنى پارلامېنت بېكىتىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە،‹‹ مېنىڭچە تەختتىن چۈشۈرۈلگەن سابىق سىياسىي رەھبەرنىڭ تۈرمىدە يېتىش دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى ›› ، دېدى.

      بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىدا،‹‹ مۇشەررەف پات يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ساياھەتكە بېرىشى، كېيىن بىۋاستە ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئامېرىكىدا بىر ئۇتۇق قازانغان شىركەتكە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ›› ، دېيىلگەن. مۇشەررەف بۇ خەۋەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوقلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكا گوۋۇيۈەننىڭ ئاخبارات باياناتچسى روبېرىت ۋۇدې مۇشۇ ئاينىڭ 19–كۈنى، مۇشەررەفنىڭ تاكى ھازىرغىچە ئامېرىكىغا ئۆزىنى پاناھىغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ باقمىغانلىقى، ئەگەر ئۇ ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشماقچى بولسا، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئويلىشىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

     خاقانى ‹‹ مۇشەررەف ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، بەلكىم ئامېرىكا – پاكىستان مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشى مۇمكىن. مۇشەررەفنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن، مۇشەررەفنى ياقتۇرمايدىغان ھەر بىر پاكىستانلىق ئامېرىكىنىمۇ ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالدى، مۇشەررەفنىڭ خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن ›› ، دەپ قارىدى.

      مۇشەررەف ۋەزىپىدىن ئىستېپا بېرىش مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بەرمەيدۇ، دەپ قارىغان

    مۇشەررەف:‹‹ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىم ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى دۆلەت ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ خىزمەتتىن ئىستىپا بەردىم ›› ،  دېگەن. مۇشەررەف مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنى خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەندە قىلغان سۆزىدە،‹‹ ئىلگىرى پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىغا ئائىت ئاق تاشلىق كىتابنى چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدىم››، دېگەن، ئۇ يەنە مۇشۇ ئاينىڭ 19– كۈنى‹‹ ۋەدەمنى تېزلا ئىشقا ئاشۇرىمەن ›› ، دېگەن.

     پاكىستان ئەمگەكچىلەر مىنىستىرى مۇخبىرغا: ‹‹ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئىتتىپاق مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى زۇڭتۇڭ نامزاتىنى جاكارلىشى مۇمكىن›› ، دېگەن. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئىككى پارتىيە تېزلىك بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلمىسا، سىياسىي جەھەتتىكى قاتماللىق ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئىتتىپاقنىڭ بىرىكىشىدىن يەنە بىر سىياسىي كىرسىز يۈز بېرىشى مۇمكىن، دېيىلگەن.

     پاكىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، پارلامېنت 30 كۈن ئىچىدە يېڭى زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقىدىكەن، كۆرسىتىلگەن نامزات جەزمەن پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن ئىككى پالاتا ۋە 4 ئۆلكە پارلامېنتىدا كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەككەن. نۆۋەتتە، پاكىستان كېڭەش پاتالاسىنىڭ باشلىقى سومۇرۇ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇنىڭ بۇ ئورۇنغا ئىگە بولۇشى تەسكە چۈشىدىكەن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئىتتىپاق ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنى مۇشەررەفنىڭ ئادىمى دەپ قارايدىكەن .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ