باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئافرىقا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىكى يېڭى ئىلگىرلەش
2008- 08- 22 11:35 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

   ‹‹ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە بايلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش››نى نىشان قىلغان جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى ئەركىن سودا رايونى مۇشۇ ئاينىڭ 17– كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا ۋە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر ئەمەلىي ئىلگىرلەش ھېساپلىنىدۇ.

     ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە، ئافرىقا ئىقتىسادى چەتتە قالدۇرۇلدى . رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى 1979– يىلىلا لىبېرىيە پايتەختى مونروۋىيەدە ‹‹مونروۋىيە باياناتى›› نى ئېلان قىلىپ، ‹‹ئافرىقا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 1980– يىلى نىگېرىيە پايتەختى لاگوستا ماقۇللانغان‹‹ لاگوس ئەڭ ئاخىرقى ھەركەت لايىھىسى›› ۋە 1988–يىلى ئېفىئوپىيە پايتەختى ئەددىس– ئەبېبەدە ماقۇللانغان ‹‹ئەددىس– ئەبېبە باياناتى›› قاتارلىق ھۆججەتلەردە، ئافرىقىدىكى ھەر قايسى رايونلاردا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدە قۇرۇش ئاساسىدا، ‹‹ئافرىقا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى›› قۇرۇش پىلانى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى 1992–يىلى قۇرۇلدى. كىشىنى خوشال قىلىدىغىنى شۇ بولدىكى، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلغان 16 يىلدىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەت سانى ئەڭ دەسلەپكى 9 دىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى 14 كە يەتتى. بۇ 14 دۆلەت—ئانگولا، بوتسۋانا، كونگو (كىنشاسا)، لېسوتو، مالاۋى، ماۋرىتىئۇس، موزامبىك، نامبىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، سۋازىلاند، تانزانىيە، زامبىيە، زىمبابۋې ۋە ماداغاسقاردىن ئىبارەت. ھازىر، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 9 مىليون 890 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %33 تىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي نۇپۇسى 247 مىليون بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئومۇمىي نۇپۇس سانىنىڭ %28 تىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 430 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى— ئافرىقا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىيات سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا ئايلاندى.

     جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى ئەركىن سودا رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى— جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى قەدەم بېسىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، تۆۋەندىكىدەك مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتلەرگە ئىگە: بىرىنچى، ئەركىن سودا رايونى تاموژنا بېجى ئالماسلىق، ئۆلچەملىك بولغان تاموژنىدىن ئۆتۈش تەرتىپى ۋە بىرلىككە كەلگەن تاموژنىدىن ئۆتۈش ھۆججىتىنى قوللىنىش قاتارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا رايونىنى كەڭ دائىرىدە بىرلىككە كەلگەن بازارغا ئايلاندۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا بېرىش– كېلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال رول ئوينايدۇ. ئىككىنچى، 2008– يىلدىكى پىلانغا ئاساسەن، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش —جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنىڭ 2010–يىلى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى قۇرۇشى، 2015–يىلى ئورتاق بازار قۇرۇشى، 2016– يىلى مەركىزىي بانكا ۋە پۇل ئىتتىپاقى قۇرۇشى، 2018– يىلى بىرلىككە كەلگەن پۇل ئىشلىتىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئۈچىنچى، ئەركىن سودا رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى— جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەھەتتە باشلامچىلىق بىلەن سىناق ئېلىپ بارغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى باشقا تەشكىلاتلار جۈملىدىن غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى، ئوتتۇرا ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى، شەرقىي قىسىم ۋە جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى، شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىزدىنىش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەرگۈسى ھەمدە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال تەسىر كۆسەتكۈسى.

     شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يولى تەكشى بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، مالاۋى، ئانگولا ۋە كونگو (كىنشاسا) دىن ئىبارەت 3 دۆلەت ئەركىن سودا رايونىغا ۋاقتىنچە كىرگۈزۈلمىدى. تۆتتىن بىر قىسىمغا يېقىن ئەزا دۆلەت ئەركىن سودا رايونىنىڭ سىرتىدا قېلىشى — ئەركىن سودا رايونىنىڭ پۈتۈنلىكىگە شۇنداقلا جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا رايونىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز. يىراق مەزگىللىك تەرەققىياتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسىدە پەرق زور بولغانلىقتىن، دۆلەت كۈچىدىمۇ تەكشىسىزلىك بار. مەسىلەن، زىمبابۋېدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. موزامبىكتىكى قىزىل رەقەم ئۇزۇندىن بۇيان تۈگىمەيۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تەكشىسىز بولۇشى، تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەركىن سودا رايونىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىقتىساد ۋە سودا سىياسىتىنى تۈزۈشى ۋە يولغا قويۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

     جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى ئەركىن سودا رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى— جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى بېرىش–كېلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشىگە ماس كېلىدىغان بولغانلىقتىن، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولىدۇ. نۆۋەتتە، مالاۋى، ئانگولا ۋە كونگو (كىنشاسا) دىن ئىبارەت 3 دۆلەت ئەركىن سودا رايونىغا ئىمكانقەدەر بالدۇرراق كىرىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى ئەركىن سودا رايونى جەنۇبىي قىسىم ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا ھەتتاكى پۈتكۈل ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ