باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
زىمبابۋې تىنچلىق سۆھبىتى نىمە ئۈچۈن بىر ئىزدا توختاپ قالدى؟
2008- 08- 22 11:30 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

      ئىككى كۈن داۋاملاشقان جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 17–كۈنى يېپىلغاندىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى تابو مېبېكى ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە ‹‹ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بىر قىسىم ئىختىلاپلار ساقلانغانلىقتىن، زىمبابۋېدىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى كىرىزىسى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ھازىرغىچە ئاخىرلاشمىدى. جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى زىمبابۋېدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ ››، دېدى. ئۇنداقتا، زىمبابۋېدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت نىمە ئۈچۈن بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ؟ سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشى نىمە ئۈچۈن تەسكە چۈشىدۇ؟ 

     جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى يېپىلىشتىن ئىلگىرى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى‹‹زىمبابۋېدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ›› ، دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. مېبېكىمۇ مۇشۇ ئاينىڭ 16–كۈنى ‹‹جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى — زىمبابۋېدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ››، دېگەن ئىدى. ئەمما، ئەمەلىي ئەھۋال ئۇ دېگەندەك بولمىدى.

    تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹زىمبابۋېدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلالماسلىقتىكى مۇھىم ھالقا — ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت ھوقوقىنى تەقسىم قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ تۈگىمىگەنلىكىدىن ئىبارەت›› .  

     زىمبابۋې دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابىي ھەركىتى ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە —‹‹مۇگابى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىشى ھەمدە زىمبابۋې ئارمىيىسىگە بولغان قوماندانلىق ھوقوقىنى ساقلاپ قېلىشى؛ زىمبابۋې دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى سۋانجىرائى زۇڭلى بولۇپ، ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ئىشى ۋە باشقا مەمۇرىي ئىشلارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك ››، دېگەندىن ئىبارەت بولدى. بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش، پارلامېنتتا كۆپ سانلىق پارتىيىلىك ئورنىغا ئىگە بولغان زىمبابۋې دېموكىراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابىي ھەركىتىنىڭ — قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقوقىنى ئىگىلىگەن ئاساستا، مەمۇرىي ھوقوقنى ئىگىلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

     تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹يۇقارقى لايىھە، زىمبابۋې دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابىي ھەركىتىنى مەمۇرىي ھوقوق، قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقوقى ۋە ھەربىي ھوقوقتىن ئىبارەت 3 چوڭ ھوقوق ئىچىدىكى ئىككىسىگە ئىگە قىلدى. مۇشۇ سەۋەپلىك، مۇگابىنىڭ بۇ لايىھىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ يىللىق سىياسىي ئاداۋەتنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۈگىشى مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، مۇگابى مەمۇرىي ھوقوقتىن ئايرىلىپ قالسا، سىياسىي جەھەتتە بەدەل تۆلىشى مۇمكىن. بۇ، مۇگابى ۋە مۇگابى رەھبەرلىكىدىكى ئافرىقا مىللىي ئىتتىپاق ۋەتەنپەرۋەرلىك سېپى كۆرۈشنى ئەڭ خالىمايدىغان نەتىجە ھېساپلىنىدۇ ›› .

     نۆۋەتتە، زىمبابۋېدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بىر تەرەپكىلا مايىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەپ — مۇگابى ۋە مۇگابى رەھبەرلىكىدىكى ئافرىقا مىللىي ئىتتىپاق ۋەتەنپەرۋەرلىك سېپىنىڭ قولىدا مۇھىم كوزىر بار. زىمبابۋې ھەربىي دائىرىلىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ سۋانجىرائىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى خېلى بۇرۇنلا بىلدۈرگەن ئىدى. ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ قوللىشى—مۇگابىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە تولۇق ئاساسقا ئىگە قىلدى.

     مۇشۇ ئاينىڭ 17– كۈنى كەچتە، زىمبابۋې دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابىي ھەركىتىنىڭ باياناتچىسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكىلەرگە، ‹‹زىمبابۋېدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ناھايىتى تېزلا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بۇ يىل 3– ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان زۇڭتۇڭ سايلىمى كىرىزىسىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ›› ، دېدى. مۇگابىمۇ‹‹زىمبابۋېدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار كېلىشىم ئىمزالاش ئاساسىغا ئىگە بولدى ››، دېدى.

     زىمبابۋېدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى كىرىزىسىگە بالدۇرراق خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بۇ يىل 4– ئاينىڭ 12–كۈنى زامبىيە پايتەختى لۇساكادا ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى مېبېكى زىمبابۋېدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.

     جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئەسلى گەۋدىسى 1980–يىلى قۇرۇلغان جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇش تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بولۇپ، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەد قىلغان ئىدى. ئافرىقا ئازادلىق ھەركىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ھەركىتىگە يۈزلىنىشكە باشلىدى.

      كۈزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹نۆۋەتتە، زىمبابۋېدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بېكىتمەك تەس بولسىمۇ، زىمبابۋېدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىختىلاپلارنى تىنچ يولدا ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىشتەك ھالىتىنى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ›› .  

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ