|
ئۈرۈمچى شەھىرى قۇرۇشنى پىلانلىغان 200 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى ئەرزان ، قولايلىق ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلاندى . بۇنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىش باشلانغان تۈر—تيانشان كاڭجۈيۈەن ئولتۇراق رايونى ئالدىن سېتىش شەرتىنى ھازىرلاپ بولدى .
بۇ يىل ، ئۈرۈمچى شەھىرى قۇرماقچى بولغان كاپالەت خاراكتىردىكى ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى تەخمىنەن 900 مىڭ كۋادرات مېتىر. بۇ ئۆيلەر ئەرزان ، قولايلىق ئۆيلەر ، ئىجارىسى ئەرزان ئۆيلەر ، خەتەردىن ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆيلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئىش باشلىنىپ بولغان 200 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئەرزان قولايلىق ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت مەركەزلەشتۈرۈپ سالىدۇ . ئۇلار ئاساسلىقى تيانشان رايونىنىڭ شىچىخۇ يولى، شۈيمىگۇ رايونىنىڭ شەرقى باجياخۇ ، سايباغ رايونىنىڭ خېيسەنتو ، ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئامبىرى قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن . شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالىلار كومىتېتىغا ئەرزان ، قولايلىق ئۆيلەرنى سېتىۋېلىش ياكى ئىجارىسى ئەرزان ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
|