باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار
2008- 08- 22 11:11 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

     ● بۇ يىلدىن باشلاپ ، ئاپتونوم رايونىمىز خام ماتېرىيال قىلىنىدىغان سۈتنىڭ سۈپىتىنى ئۈچىنچى تەرەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، ئۈچ يىلدا خام ماتېرىيال قىلىنىدىغان سۈتنىڭ سۈپىتىنى ئۈچىنچى تەرەپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن 200 نى قۇرۇپ ، ئاممنىڭ خاتىرجەم سۈت ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ .

    ● 19–ئاۋغۇست ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرىدىن توققۇزى بۇ يىللىق دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 5 مىليون 400 مىڭ يۈەنلىك دۆلەت پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش فوندىغا ئېرىشتى .

    ● ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات نىشانى: ‹‹2010–يىلىغا بارغاندا ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا مۇھىتىنىڭ بۇلغۇنۇشىنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە ئېكولوگىيىسىنىڭ ناچارلىشىش ۋەزىيىتىنى بەلگىلىك كونترول قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش›› دەپ بېكىتىلدى .

    ● جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا ، دۆلىتىمىز ئىمپورت قىلغان تەييار ماي 25 مىليون 380 مىڭ توننا بولۇپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%6.7 ، ھەر توننا ماينىڭ ئوتتۇرىچە ئىمپورت باھاسى 808.2 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، %88.3 ئاشقان .

    ● جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا ، دۆلىتىمىز ئىمپورت قىلغان ئاپتوموبىل تەخمىنەن 247 مىڭ بولۇپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48 ئاشقان ، قىممىتى 9 مىليارد 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، %66.3 پىرسەنت ئاشقان . ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 14.6 پوئىنت يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ