|
يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ GDP سى 42 مىليارد 157 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.5 ئېشىپ، 1998 – يىلىدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
3 چوڭ كەسىپ ئىچىدە 1 – كەسىپتە يارىتىلغان قوشۇلما قىممەت 370 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %3.5 ئاشقان؛ 2 – كەسىپتە يارىتىلغان قوشۇلما قىممەت 18 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %18 ئاشقان؛ 3 – كەسىپتە يارىتىلغان قوشۇلما قىممەت 22 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %12.4 ئاشقان. يىلنىڭ بېشىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا، ئۈششۈكنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە چارۋىلارنىڭ ئەي بولۇش سانى ۋە قوتاندىكى سانى خېلى ئازىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. 2 – كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ نىسبىتى %47.7 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8 پوئېنت ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ نىسبىتى %43.6 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.3 پوئېنت ئاشقان. 3 – كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ نىسبىتى %52 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.8 پوئېنت تۆۋەنلىگەن. سانائەتنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولۇش رولى كۆرۈنەرلىك بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، سانائەتنىڭ ئېشىشىنىڭ بىرقەدەر تېز بولۇشى ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئىكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەھەر بويىچە سانائەتتىكى تۇراقلىق مۈلۈككە 6 مىليارد 720 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئېشىش نىسبىتى %58.7 كە يېتىپ، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %51.5 نى ئىگىلىگەن؛ كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %18.1 ئاشقان.
|