|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە ‹‹مەملىكەت بويىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچىلارنى كۆرسىتىش، باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› (تۆۋەندە قىسقارتىپ ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تىرىشىپ يۈكسەلدۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ نامىدا مەملىكەت بويىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەپ، ئۇلارغا ‹‹مەملىكەت بويىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپ›› ۋە ‹‹مەملىكەت بويىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەمۇنىچىلىرى›› دەپ شەرەپلىك نام بېرىش قارار قىلىندى.
بۇ قېتىمقى باھالاش، تەقدىرلەشنىڭ دائىرىسى: يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ 1 – سېپىدە قامىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى داۋالاش – قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋەيران بولغان ئۇل مۇئەسسەسىلەرنى جىددىي رېمونت قىلىش، سەھىيە – يوقۇم مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، ئىككىلەمچى ئاپەت تەھدىتىنى ئازايتىش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلى، ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەش، ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاپەت رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، تەشۋىقات، خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەردىن ئىبارەت.
‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق تەكىتلەندى: نامزات كۆرسىتىش، باھالاش خىزمىتىدە جەزمەن ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى سىياسىي ئىپادىسى، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى ۋە تۆھپىسىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى كۆرسىتىشنى باھالاش ئۆلچىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ ئەلالىرىنى تاللاش كېرەك. نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن قەھرىمان كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچىلارنىڭ گەۋدىلىك ئىش – پائالىيەتلىرى بولۇشى، جەمئىيەتتە كەڭ تەسىر قوزغىغان بولۇشى كېرەك. بۇ ئىش – پائالىيەتلەرنىڭ ئىلغار، تىپىك ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامزات كۆرسىتىش، باھالاشتىكى مۇھىم نۇقتا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ 1 – سېپىدىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى، كادىرلار، ئامما، پىدائىيلار ھەم جامائەت خەۋپسىزلىكى، مائارىپ، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە، قاتناش – ترانسپورت، سۇچىلىق، يەر تەۋرەش، مېتېئورولوگىيە، ئاخبارات قاتارلىق سىستېمىلاردىكى ئىلغار كوللېكىتىپ ۋە شەخسلەر.
باھالاش، تەقدىرلەش خىزمىتىدىكى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچىلارنى باھالاش، تەقدىرلەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، ئۇلار باھالاش، تەقدىرلەشتىكى تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە باھالاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىدە تەسىس قىلىندى، كونكرېت خىزمەتنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسى نامزات كۆرسىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
|