باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى
2008- 08- 22 10:10 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 20 – ئاۋغۇست گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ‹‹نىڭشيانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر(قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان لايىھە)››، ‹‹تاشلاندۇق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئېرسىيەت بايلىقىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش – چىقىرىشنى ۋە چەت ئەل بىلەن ھەمكارلىشىش، تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش چارىسى(لايىھە)›› قاراپ چىقىلدى ھەم پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە نىڭشيانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتا ۋە مۇھىم سىياسەت – تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش ھەم ئەۋزەل بايلىقلارنى ئېچىشقا، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىشكە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىسلاھاتنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، نىڭشيانىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆزگىچە يېڭى يول تېپىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار نىشانغا تىرىشىپ يېتىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك: بىرىنچى، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ تېجەيدىغان جەمئىيەت قۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى كۈچەيتىپ، خاس يېزا ئىگىلىكى ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، شەرقىي نىڭشيا ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، سەرپىياتنى ئازايتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بايلىق تىپىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، يۆلەش – ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى قۇرغاقچىلىق بەلبېغى ۋە جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. بەشىنچى، ئۇنىۋېرسال قاتناش – ترانسپورت سىستېمىسى ۋە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ساياھەت،  پۇل مۇئامىلە قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى نىڭشيانىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈپ مەقسەت قىلىش كېرەك. يەتتىنچى، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك. سەككىزىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ھەم كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

   يىغىندا، مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار نىڭشيانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش، ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى قاراتمىلىقلىق، ئالدىن كۆرەرلىك ۋە ئۈنۈمدارلىقنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت جەھەتتىكى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. نىڭشيانى يۆلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا قويۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ئىگىلىك تىكلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى كۆپ ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان ۋە ئىستېمال قىلىنىدىغان دۆلەت. ئىقتىسادنىڭ، جەمئىيەتنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تاشلىۋېتىلىدىغان، شاللىۋېتىلىدىغان ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى خېلىلا كۆپەيدى. بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، تېجەش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش ھەم مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، جىسمانىي ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس مەمۇرىي قانۇن – نىزام تۈزۈپ، تاشلاندۇق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش زۆرۈر. نىزامنىڭ لايىھىسىدە تاشلاندۇق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كاتالوگ بويىچە باشقۇرۇش، كۆپ خىل ئۇسۇلدا يىغىۋېلىش ۋە مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، دۆلەت تاشلاندۇق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس فوندى تەسىس قىلىش بەلگىلەندى. لايىھىدە يەنە تاشلاندۇق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى، ساتقۇچى، رېمونت قىلغۇچى ئاپپاراتلار، سېتىشتىن كېيىن مۇلازىمەت قىلغۇچى ئاپپاراتلار، يىغىۋېلىپ ساتقۇچىلار ۋە بىر تەرەپ قىلغۇچى كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بەلگىلەندى.

   يىغىندا: چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئېرسىيەت بايلىقىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش – چىقىرىش ۋە چەت ئەل بىلەن ھەمكارلىشىش، تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئېرسىيەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېلىمىز چارۋىچىلىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چارۋىچىلىق قانۇنى››غا ئاساسەن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئېرسىيەت بايلىقىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش – چىقىرىش ۋە چەت ئەل بىلەن ھەمكارلىشىش، تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش چارىسى››نى تۈزۈش زۆرۈر، دەپ قارالدى. چارىنىڭ لايىھىسىدە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئېرسىيەت بايلىقىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش – چىقىرىش ۋە چەت ئەل بىلەن ھەمكارلىشىش، تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىش شەرتى بەلگىلەندى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئېرسىيەت بايلىقىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش – چىقىرىش ۋە چەت ئەل بىلەن ھەمكارلىشىش، تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىشنى تەستىقلاش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلدى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئېرسىيەت بايلىقى ئۇچۇرىنى چەت ئەلگە ئۆتۈنۈپ بېرىشنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى ھەم ئالاقىدار قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

   يىغىندا يۇقىرىقى لايىھىلەرگە يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشى قارار قىلىندى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ