باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىز شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارغا ئۈچ يىلدا يەتتە قېتىم ياردەم پۇلى قوشۇپ بەردى
2008- 08- 22 10:08 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاشلىق، ياغ باھاسى ئۆسكەندە ھۆكۈمەت غېمىمىزنى يەپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا يەتتە قېتىم ياردەم پۇلى قوشۇپ بەردى، ھازىر ئايدا 200 يۈەندىن كۆپرەك ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ئالىمەن، دېدى 19 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ۋېي يۇگاڭ خۇشال ھالدا.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2005 – يىلىدىن بۇيان، ئاشلىق، ئۆسۈملۈك يېغى، گۆش، تۇخۇم، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاتارلىقلارنىڭ باھاسى مەلۇم دەرىجىدە ئۆسۈپ، شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ تۇرمۇشى خېلى زور تەسىرگە ئۇچرىغان. مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون 2005 – يىلى 1 – ئايدىن 2008 – يىلى 8 – ئايغىچە شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ ياردەم پۇلىنى ئالتە قېتىم ئۆستۈرگەن، كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى 71 يۈەن ئۆستۈرگەن؛ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى نەزەرگە ئېلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون 2007 – يىلى 11 – ئايدا شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەر بىر ئائىلىگە يەنە 12 يۈەن مەخسۇس يېقىلغۇ ياردىمى قوشۇپ بەرگەن، بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان، شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارغا قوشۇپ بېرىلگەن 7 – قېتىملىق ياردەم پۇلى.

   ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 627 مىڭ كىشى شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ ئايلىق تولۇقلىما سوممىسى 130 يۈەنگە، بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹تۇرمۇش مەنبەسى، ئەمگەك ئىقتىدارى، قارىغۇچىسى يوق›› ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلارنىڭ ئايلىق تولۇقلىما سوممىسى 208 يۈەنگە يېتىپ، شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ تۇرمۇشى خېلى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ