باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئېلىمىزدە يېمەكلىك ياغنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى چۈشۈشكە يۈزلەندى
2008- 08- 22 10:01 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 21 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسى ئەھۋالى سىستېمىسىنىڭ كۆزىتىشىچە، 20 – ئاۋغۇستتىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا(تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) 21 – ئاۋغۇست مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك ياغ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئازراق تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى داۋاملاشقان، كانىماش تەڭشەلمە يېغى باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى چوڭراق بولغان؛ باھا تۆۋەنلىگەن شەھەرلەر داۋاملىق كۆپەيگەن، شىنجاڭ بىلەن خۇبېيدا تۆۋەنلەش دەرىجىسى چوڭراق بولغان.

  بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك ياغ باھاسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىدى، كانىماش تەڭشەلمە يېغى بىلەن كانىماش ساپ يېغى باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى ئەڭ زور بولۇپ، %2.4 ۋە % 3.1 تۆۋەنلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يېمەكلىك ياغلىرى باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى %2 ئىچىدە بولدى. بۇ دۆلىتىمىزدىكى يېمەكلىك ياغ باھاسى بىلەن خەلقئارا كانىماش زاكاز مال بازىرى باھاسى يۈزلىنىشىنىڭ بىردەك بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ