باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد–سودىسى››دېگەن كىتابنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
2008- 08- 22 09:57 شىنجاڭ گېزىتى

   ‹‹ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 يىل شىنجاڭ ئىقتىساد – سودىسى›› دېگەن كىتابنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى 19 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كىتابتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان ئىقتىساد، سودا خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلغان.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ يۇڭمىڭ تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

   بۇ كىتابتا تارىخ، تەشۋىقات، ماتېرىيال خاراكتېرى بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي چوڭ تەرەققىياتىنىڭ ‹‹كارتىنىسى››، يېڭى دەۋردىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. بۇ كىتاب شىنجاڭنى چۈشىنىش، تونۇش ئارزۇسىدىكى دوستلارنى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭدەك شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كۆزنىكى .

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ