|
ئامېرىكا ئىرانغا قارىتىلغان جازانى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ئىسرائىلىيىمۇ ئىرانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش لايىھىسىنى بېكىتتى. بىراق، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 13 – ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىران بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتمىگەن، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئازراقمۇ ئۆزگەرمىگەن. ئىراننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نەزەر يەنە مۇنداق دېگەن: ئىران ئارمىيىسى ھەر ۋاقىت پارس قولتۇقى رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ ھەم ‹‹ھەر قانداق دۈشمەننى يېڭىش ۋە بىتچىت قىلىش تەييارلىقى››نى پۈتكۈزدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 12 – ئاۋغۇست ئىران دېھقانچىلىق ۋە تېببىي يادرو تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق بەش شىركەت ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو پىلانىنى يولغا قويۇشىغا قاتناشقانلىقى ۋە مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ بۇ بەش شىركەتنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق مۈلكىنى توڭلىتىشنى ھەم ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ بۇ شىركەت بىلەن ھەر قانداق سودا مۇناسىۋىتى قىلىشىنى چەكلەشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۆتكەن جۈمە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئىرانغا قارىتىلغان سودا جازاسىنى كۈچەيتىپ، ئىرانغا 4 – قېتىملىق جازا يۈرگۈزىمىز، دەپ تەھدىت سالغانىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىسرائىلىيىمۇ ‹‹ئالدىن قول سېلىش››نى قارار قىلدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە ھەرگىزمۇ ‹‹ئىراننىڭ يادرو بومبىسى ياسالغان كۈن››نى ساقلاپ تۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇڭا، ئىسرائىليە ھازىر ئىرانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئامېرىكىدىن 16I–F بەلگىلىك يېڭى تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلاندىن 90 نى سېتىۋالدى، كېلەر يىلى مۇشۇ خىل ئايروپىلاندىن يەنە 11 نى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
بىراق، ئىران ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خەۋىرىدە ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئىران ‹‹جازاغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ قويدى››، ئىراننىڭ يادرو سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|