|
ئىراننىڭ ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئىلھام يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازانى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئىران يېڭى جازاغا تاقابىل تۇرۇشقىمۇ تەييارلىنىپ قويدى.
ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىلھام ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ قالمايدۇ، ئىراننىڭ ھەر قانداق ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش چارىسى بار، دېگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىران زۇڭتۇڭى نىجادمۇ غەرب دۆلەتلىرى 30 يىلدىن بۇيان ئىرانغا ئۈچ قېتىم جازا يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئىراننىڭ ئىقتىسادىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى ئىزچىل تەكىتلىگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا يېڭى نۆۋەتلىك جازا يۈرگۈزگەن كۈنى، ئەنگلىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە گېرمانىيىنىڭ ئىرانغا ئۆز ئالدىغا تېخىمۇ قاتتىق جازا يۈرگۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، جازا مەزمۇنىنىڭ ئىرانغا تەسىرى چوڭ بولغان ئېنېرگىيە ساھەسىگىمۇ چېتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. بىراق، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بارادى يېقىندا، جازانىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ياخشى چارە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|