|
‹‹بىر قىسىم كەسىپلەرنىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ››، ‹‹سودا بانكىسىنىڭ كرېدىت كۆلىمى تەڭشىلىدۇ››..... ئاۋغۇست كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مالىيە، پۇلدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسىتى ئاساسىي جەھەتتىن داۋاملىق مۇقىم بولۇش بىلەن بىللە، بەزى يېڭى تەڭشەشلەر بولدى، بۇ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
كىچىك ئۆزگىرىشنىڭ مەنىسى چوڭقۇر. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان، پۇل پاخاللىقى بېسىمى يېنىكلىمىگەن ئەھۋالدا، يېقىندا قوللىنىلغان يېڭى تەدبىرلەر ئېلىمىزنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش ۋەزىپىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىگە مايىللىشىپ ۋە ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
ھازىر ئېلىمىزنىڭ ماكرولۇق تەڭشەشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ‹‹ھەددىدىن زىيادە قىزىپ كېتىش ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش››تىن ‹‹بىرنى ساقلاش، بىرنى تىزگىنلەش››كە ئۆزگەردى. ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا بۇ ھەقتە ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇش، مال باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە تېز ئۆسۈشىنى تىزگىنلەشنى ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، پۇل پاخاللىقىنى چەكلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك››.
مەركەز ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەسەۋۋۇرى ھەققىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ماكرولۇق تەڭشەش سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقلىقى، جانلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، تەڭشەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، رىتىمى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىككى مۇھىم ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەت بولغان مالىيە، پۇل سىياسىتىدىكى بەزى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ‹‹ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىقلىق، جانلىقلىق›› سىياسىتىنىڭ مەنىسىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلاش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى روشەن كۈچەيتتى.
مالىيە سىياسىتىدە پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئاجىز نۇقسانلارنى كۈچەيتىشكە مەدەت بەرگىلى بولىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى 1 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ قىسمەن توقۇلما بۇيۇم، كىيىم – كېچەك قاتارلىق تاۋارلانىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش نىسبىتىنىڭ تەڭشىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ 2006 – يىلى كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش نىسبىتىنى تەڭشىگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم قايتا تەڭشىشى شۇنداقلا مالىيە – باج سىياسىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى قوغداشتىكى مۇھىم قەدىمى.
بۇنىڭغا ماسلىشىپ پۇل سىياسىتىمۇ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى كرېدىتنى قىسىش ئۈنۈم بەرگەن ئاساستا قىسمەن تەڭشەلدى. كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىيۇلدىن كېيىن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى قايتا ئۆستۈرمىدى. يېقىندا جۇڭگو خەلق بانكىسى سودا بانكىسىنىڭ كرېدىت جەھەتتە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەملىكەت خاراكتېرىدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ كرېدىتىنى ئىلگىرىكى كرېدىت كۆلىمى ئاساسىدا% 5، يەرلىك سودا بانكىلىرىنىڭكىنى% 10 ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەر بۇ تەدبىر پۇل قىسىش سىياسىتى ئارقا كۆرۈنۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلىغى قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق، دەپ قارىدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى كومىتېتىنىڭ 2 – پەسىللىك يىغىنىدا كېيىنكى باسقۇچتا كرېدىت قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، كىچىك كارخانىلارنى مەبلەغ بىلەن قوللاشنى كۈچەيتىش؛ كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ ‹‹ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى پۇل مۇھىتى ھازىرلاش كېرەك››لىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەملىكىتىمىز 6 – ئاۋغۇست تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش نىزامىنى ئېلان قىلدى ھەم يولغا قويدى. 11 يىلدىن كېيىن قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ يېڭى نىزامدا خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش، خەلقئارا كىرىم – چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسەت قىلىنغان. سىياسەتتىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەردە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋاملاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ماكرولۇق تەڭشەش بەلگىلەنگەن نىشان بويىچە ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدا چىقارغان ھۆكۈمى ۋە ئومۇمىي گەۋدىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىدىيىۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسەت – فاڭجېنلارنى ئەينەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك، بىز چوقۇم ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى)
|