|
—ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەنلىكى توغرىسىدا
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ نىڭشيادىكى زاۋۇت – كارخانىلارغا، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ ئاھالىنى يوقلاپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلار بىلەن نىڭشيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات چوڭ پىلانلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.
‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سانائەت بازىسى قۇرۇش كېرەك››
ۋېن جياباۋ نىڭشيانىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ قېتىم نىڭشياغا بېرىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ بۇلتۇر 9 – ئايدا گوۋۇيۈەن تارماقلىرىغا 17 مەخسۇس تېما گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ نىڭشياغا تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتىش توغرىسىدا يوليۇرۇق بېرىپ، نىڭشيانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى ۋە بۇنىڭغا ئائىت سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نىڭشيا ئۆزگىچە ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىگە ئىگە، كۆمۈر بايلىقى مول، قاتنىشى قۇلايلىق. ‹‹نىڭدۇڭ›› ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى بازىسى نىڭشيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى. ۋېن جياباۋ 15 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا بۇ يەرگە كېلىپ، ‹‹شېنخۇا›› نىڭشيا كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىنىڭ 250 مىڭ توننىلىق كۆمۈرمېتانول ۋە ئولېفىن تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ۋېن جياباۋ قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىشچىلار ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكلىرىغا مۇنداق دېدى: ‹‹بىز بۇ يەردە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر – ئېلېكتر ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇپلا قالماستىن يەنە ئىلمىي تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئايلانما ئىقتىساد بازىسى قۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ، يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىغا قەدەم قويغانلىقنىڭ مۇھىم بەلگىسى.›› ئۇ قۇرۇلۇشچىلارنى دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت، تېخنىكا، ئۈنۈم جەھەتتىلا ئەلا بولۇپ قالماي، تېجەش ۋە تۈجۈپىلەش جەھەتتىمۇ ئەلا بولۇشقا، بولۇپمۇ سۇ تېجەشكە ئەھمىيەت بېرىشكە رىغبەتلەندۈردى.
ۋېن جياباۋ 15 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن شىزۈيشەن شەھىرىدىكى جۇڭسې ( نىڭشيا) شەرق گۇرۇھى شىركىتىگە بېرىپ، تانتال پاراشوكى، تانتال سىمى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى تەكشۈردى. ئۇ ئىشچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ كونا كارخانا شۇنداقلا ئۈمىدكە تولغان كارخانا. مەھسۇلاتىڭلار ئېلېكترون، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە سانائىتى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق پەن – تېخنىكا ساھەلىرىدە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ، كارخاناڭلارنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. ›› ۋېن جياباۋ كارخانىدىكى نۇرغۇن پېشقەدەم مۇتەخەسسىسنىڭ نەچچە ئون يىلنى بىركۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئۆمرىنى دۆلەتنىڭ يېڭىچە مېتاللۇرگىيە ماتېرىياللىرى سانائىتىگە بېغىشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كارخانا مەسئۇلىغا پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى، ياشلارنى ياخشى تەربىيىلەشنى تاپىلىدى.
شىزۈيشەن شەھىرى 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا دۆلەت نۇقتىلىق قۇرغان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. ۋېن جياباۋ 15 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، يېڭىدىن پەرپا قىلىنىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىكى ئاھالىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان جىنلىن مەھەللىسىگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەنلىكى، يېڭى بىنالارنىڭ رەتلىك سېلىنغانلىقىنى كۆردى. ۋېن جياباۋ جاڭ جىنچېڭنىڭ ئۆيىدە: ‹‹كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونلار ۋە بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردىن شەكىللەنگەن مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتىن خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن. كان ئىشچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى پىلانلىق ھالدا ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك››، دېدى. جاڭ جىنچېڭ بوۋاي 1958 – يىلىدىن تارتىپ كۆمۈركاندا ئىشلىگەن بولۇپ، ئىلگىرى كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندا ئولتۇراتتى، ئۆيىنىڭ تېمىغا دەز كەتكەچكە، ئۆيىدىن يامغۇر ئۆتەتتى. ئۇ بۇ يىل 4 – ئايدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئۇ خوشال ھالدا زۇڭلىنى باشلاپ ياتاق ئۆي، ئاشخانىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن: ‹‹يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پېنسىيە مائاشىم تۆت قېتىم ئۆستى، ئايدا 1400 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىمەن، تۇرمۇشۇم ناھايىتى ياخشى››، دېدى. زۇڭلى خۇشال بولۇپ: ‹‹تۇرمۇشۇڭلار ياخشى بولسىلا، بىز خاتىرجەم بولىمىز!›› دېدى.
‹‹ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، دېھقانلارنىمۇ بېيىتىشىمىز كېرەك››
نىڭشيانى مۇنبەت قىلغان خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى. نىڭشيانىڭ شىمالىدىكى خۇاڭخې دەرياسى سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدىغان يەرلەر تەكشى ھەم مۇنبەت بولۇپ، ئۇنىڭ ‹‹جەنوبىي جۇڭگودىن قېلىشمايدۇ››، دەيدىغان نامى بار. بۇ رايونغا جايلاشقان خېلەن ناھىيىسىنىڭ خوڭگۇاڭ بازىرى تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشكىللىگەنىدى. ۋېن جياباۋ 15 – ئاۋغۇست بۇ يەرگە كەلدى. چەكسىز كەتكەن شال ئېتىزلىرى يېشىل دولقۇن ھاسىل قىلىپ، مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. ۋېن جياباۋ ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ دېھقانلار بىلەن شال تېرىش، پەرۋىش قىلىش ۋە سېتىش ئەھۋاللىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى گۇي خۇەيجۈن زۇڭلىغا: ‹‹بىز يەرنى بىر تۇتاش تېرىپ، شال مايسىسى يېتۈشتۈرۈپ، كۆچۈرۈپ، تېخنىكا جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئورۇپ، بىرتۇتاش سېتىۋالىمىز، ھەرمو يەردىن قىلىنغان كىرىم 300 يۈەندىن ئاشتى››، دېدى. ۋېن جياباۋ: ‹‹كەسپىي ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىر ئائىلە قىلالمايدىغان ئىشنى قىلىپسىلەر، بۇ دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى ياخشى يول››، دېدى.
نىڭشيانىڭ شىخەيگۇ رايونى ئىنتايىن قۇرغاق بولۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ناچارلىقىدىن نامراتلىشىپ، تارىختا جاھانغا تۇنۇلغان ئىدى. ۋېن جياباۋ ئون نەچچە يىل ئىلگىرى بۇيەرگە كېلىپ تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ھەم بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنىدى. ئۇ 16 – ئاۋغۇست ئەتىگەندىلا گۇيۈەن شەھىرىنىڭ پېڭياڭ ناھىيىسى بەيياڭ بازىرىغا كېلىپ، داگۇۋەن كىچىك ھەۋزىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ تاغنى ئايلىنىپ دېڭىز يۈزىدىن 1600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ چوققىسىغا چىقتى. بۇ يەرنى سۇس تۇمان قاپلىغان بولۇپ، ئېگىز چوققىلار، جىلغىلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. يەرلىكتىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئۇنىۋېرسال تۈزەش رايونى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. ۋېن جياباۋ پۈتكۈل تاغنى قاپلىغان يېشىللىقنى كۆرۈپ: ‹‹ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى تۈزەشتە <ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش> قا ئىرادە باغلاپلا قالماستىن، يېڭى مەزمۇننىمۇ ئۈزلۈكسىز بېيىتىش كېرەك. تاغ، دەريا، ئوتلاق، ئورمانلىق، ئېتىزلىق، يوللارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا دېھقانلارنى بېيىتىش كېرەك››، دېدى.
ۋېن جياباۋ ئارقىدىن جۇگۇ كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىغا كەلدى. كەنت ئاھالىسى بۇ يىل چوڭ كۆلەمدە پارنىك ياساپ، بېيىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچقانىدى. ۋېن جياباۋ پارنىكنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، كۆكتات باھاسى ۋە سېتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ھەم يەرلىكتىكى مەسئۇل يولداشلارغا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئالدىنقى مەزگىللىك سېلىنما ۋە سۇ ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىنى تاپىلىدى.
سوغۇق رايونغا جايلاشقان شىجى ناھىيىسىدە كۈن نۇرى كۈچلۈك بولۇپ، بەرەنگى (ياڭيۇ) تېرىشقا ماس كېلەتتى. ۋېن جياباۋ بەرەنگى تېرىش بازىسىدا پروبىركىدا ئۆستۈرۈشتىن تارتىپ دەسلەپكى ئەسلىي ئۇرۇق، ئەسلىي ئۇرۇق ۋە 1 – سورتلۇق ئۇرۇقنى يېتىشتۈرۈش جەريانلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بازا ھوسۇلى يۇقىرى، سورتى ياخشى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن بەرەنگىلەرنى يېتىشتۈرگەن بولۇپ، ناھىيە بويىچە بەرەنگىلىك كۆلىمى 1 مىليون 230 مىڭ موغا يېتىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن. بەرەنگىدىن قىلىنغان كىرىم دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىرقىسىمىنى ئىگىلىگەن. بەرەنگى تېرىش كەسپى ئىسمى جىسمىغا لايىق تۈۋرۈك كەسىپكە، بېيىش كەسپىگە ئايلانغان. ۋېن جياباۋ پەن – تەتقىقاتچىلارغا :‹‹كىچىك بەرەنگى چوڭ كەسىپ››. ئىلمىي تەتقىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بەرەنگى كەسپىنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ بېيىشى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىڭلار كېرەك››، دېدى.
|