|
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىئانە توپلاش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋېنچۈەندە پەۋقۇلئاددە چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئۈچ ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا داۋاملىق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىۋېتىپتۇ. ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىئانە توپلاش ئىشخانىسى تاپشۇرۇۋالغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇمنىڭ قىممىتى 510 مىليون يۈەندىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە نەق پۇل 450 مىليون يۈەن، ماددىي بۇيۇمنىڭ قىممىتى 60 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىئانە توپلاش ئىشخانىسى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1 – ئاۋغۇستقىچە ئاپتونوم رايون ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا 310 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە پۇل ئاجرىتىپ بەرگەن. 110 مىليون يۈەن ‹‹ئالاھىدە پارتىيە بەدەل پۇلى›› ۋە ‹‹مېھرى شەپقەت ئالاھىدە ئەزالىق بەدەل پۇلى›› مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ۋە مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا تاپشۇرۇلغان، قىممىتى 60 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ئىئانە بۇيۇم يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا تولۇق يەتكۈزۈلگەن.
|