|
تۈنۈگۈن (21–ئاۋغۇست) چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭدىن چىقىپ كەتكەن ئاۋسترالىيىلىك داڭلىق خەنزۇ رەسسام ياۋ دىشيۇڭ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى ھەمدە بىڭتۈەن ئورگىنىدا ئۆزىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈپ ، 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا مەدەت بەردى .
ياۋ دىشيۇڭ 1949–يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، 30 يېشىدا ئاۋسترالىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ، ئۇنىڭ رەسىملىرى دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە كۆرگەزمە قىلىنغان ھەمدە ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ ، كەڭ دائىرىلىك نوپۇزغا ئىگە . بىڭتۈەن پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەكلىپى بىلەن ، ئۇ بۇ قېتىم ئۆز يۇرتىدا رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگەنلىكىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندى . ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بىڭتۈەن قانداق يېتىلگەن بولسا ، مەنمۇ شۇنداق يېتىلگەن ، ئاتا–ئانام بىڭتۈەننىڭ 1–ئەۋلاد ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى جەڭچىلىرى ، مېنىڭ بالىلىق ، ئۆسمۈرلۈك ، ياشلىق چاغلىرىم بىڭتۈەندە ئۆتكەن ، سەنئەت ئاساسىمنى بىڭتۈەندە سالغان ، مېنىڭ چەتئەلدە قازانغان نەتىجىلىرىم بىڭتۈەندە سالغان ئاساسىمدىن كەلگەن ، ھازىر قايتىپ كېلىپ ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمەم دوكلات بېرىش كۆرگەزمىسىدۇر›› .
ياۋ دىشيۇڭ كۆرگەزمە قىلغان 38 پارچە ئەسەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇچقۇر تۇلپارلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ، بەزى رەسىملىرىدە ، يەنە ئات بىلەن تەنتەربىيە ھەرىكىتى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ ، يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىزىلغاچقا ، نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى . ياۋ دىشيۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ، ھازىرغىچە ، شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدىكى نەتىجىلىرىدىن ئېشىپ كەتتى ، بۇ قېتىمقى رەسىملەر كۆرگەزمىسى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا مەدەت بېرىش ، شۇنداقلا شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئات—بىر خىل قۇت ھايۋىنى ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باتۇرانە ئېلىشىدىغان ماھارەت ھەرىكىتى ، ئات بىلەن تەنتەربىيىنىڭ مۇناسىۋىتى چەمبەرچەس باغلانغان بولغاچقا ، مۇشۇنداق كۆپ ئات ۋە تەنھەرىكەت ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدىم . مەقسىتىم— غەلبىنى مەدھىيلەش ، بىڭتۈەننىڭ تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى قۇتلۇقلاشتىن ئىبارەت›› .
|