|

بېيجىڭ ئو ت م باشلانغاندىن بۇيان ، مەلۇم شىركەت ئۈرۈمچى جۇڭسەن يولىدىكى كومپيۇتېر شەھەرچىسىنىڭ ئالدىغا ‹‹جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالتۇن مېدال تىزىملىكى›› تاختىسى تەسىس قىلغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ شىركەتنىڭ خادىملىرى ھەر كۈنلۈك ئو ت م خەۋەرلىرىگە ئاساسەن ، جۇڭگو كوماندىسىدىكى ، بېيجىڭ ئو ت م دا ھەر قايسى تۈرلەر بويىچە چېمپىيون بولۇپ ، ئالتۇن مېدال ئالغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سۈرىتىنى تاختىغا چاپلاپ ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېرىشكەن ئالتۇن مېدال سانىنى ۋە شۇ تەنھەرىكەتچىنى تونۇشتۇرىدىكەن .
|