باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى ۋاڭ جۈن قاتارلىقلار بېيجىڭ م ئو ت م غا قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنى يوقلىدى
2008- 08- 21 12:37 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      19 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى ۋاڭ جۈن قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونىمىزدىن  13 – نۆۋەتلىك بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنى سەمىمىي يوقلىدى ھەمدە ھال سورىدى.

     ۋاڭ جۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى جېڭ ۋېيخەينىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئوقيا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ۋاڭ يەنخۇڭدىن ھال سورىدى. جېڭ ۋېيخەينىڭ ئائىلىسىدە، ۋاڭ جۈن جېڭ ۋېيخەينىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سورىدى ھەمدە نەنجىڭدە مەركەزلىك مەشىق قىلىۋاتقان جېڭ ۋېيخەيگە تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ۋەتەنگە شان – شەرەپ كەلتۈرۈشىنى تىلىدى.

      ۋاڭ جۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەشىق 2 – چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوقيا ئېتىش مەشىق سارىيىدا مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىگە پائال تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ۋاڭ يەنخۇڭنى يوقلىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ روھلىنىپ، جاپالىق مەشىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنى ئەركىن، ئازادە تۇتۇپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلىشىنى، ئۆزىگە بېسىم پەيدا قىلىۋالماي، نۇرمال سەۋىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ۋاڭ يەنخۇڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيىتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ماھارىتىمنى جارى قىلدۇرىمەن، كۆپچىلىكنى ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ۋەتەنگە شان – شەرەپ كەلتۈرىمەن.

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ