|
● ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، جۇڭگو–قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان خام نېفىت 10 مىليون توننىدىن ئاشقان . تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، 9–ئاۋغۇستقا قەدەر ، جۇڭگو–قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان خام نېفىتنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 10 مىليون 3 مىڭ 150 توننىغا يەتكەن .
● بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تاۋار ئۆي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 7 مىليارد 221 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن %36.8 كۆپ بولغان . يېڭىدىن ئىش باشلانغان تاۋار ئۆي قۇرۇلۇش كۆلىمى 9 مىليون 141 مىڭ كۋادىرات مېتىرغا يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.5 ئاشقان .
● بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى سېمونت ئىشلەپچىقىرىش ، سېمونت بۇيۇملىرى كەسپى ۋە پولات ئەينەك بۇيۇملىرى كەسپى قاتارلىق ئاساسلىق يېتەكچى كەسپلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە ، يۇقىرى سۈرئەت ، يۇقىرى ئۈنۈم ۋە ياخشى بولغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى . قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ، ئاشۇرۇلما قىممىتى ، ئىقتىسادى ئۈنۈمىدە بىردەك ياخشى تارىخى نەتىجە يارىتىلدى . ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، كۆلەمدىن يۇقىرى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاشۇرۇلما قىممەت 1 مىليارد 473 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.5 ئېشىپ ، ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 24.3 پوئىنت يۇقىرى بولغان . بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتىنىڭ %40 سالمىقىنى ئىگىلەيدىغان سېمونت ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ئەمەلگە ئاشۇرغان سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى 762 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%43 پىرسەنت ئاشقان . بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىلىدىغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان . بۇنىڭ ئىچىدە سېمونت ئىشلەپچىقىرىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ؛ تەبىئى گرانت تاش ماتېرىياللىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى%44 ئاشقان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ ، ئېكسپورتتا مال تاپشۇرۇش قىممىتى 225 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ ، %35 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە سېمونت ئېكسپورت مىقدارى 280 مىڭ توننىغا يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.9 ئاشقان؛ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان پايدا 350 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، 1.9 ھەسسە ئاشقان . بۇنىڭ ئىچىدە سېمونت كەسپىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان پايدا 233 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، 2.6 ھەسسە ئاشقان . مۆلچەرلىنىشىچە ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپى كىيىنكى يېرىم يىلدىمۇ داۋاملىق تېز سۈرئەت ، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالىدىكەن .
● دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 7–ئايدا ، دۆلىتىمىز ئۆي–زىمىن كەسپى ۋەزىيەت كۆرسەتكۈچى 102.36 بولغان بولۇپ ، 6–ئايدىكىدىن 0.72 نۇقتا تۆەن بولغان . بۇلتۇر 12–ئايدىن بۇيان ، بۇ كۆرسەتكۈچ ئۇدا سەككىز ئاي تۆۋەنلىگەن .
● سودا مىنىستىرلىكى بازار مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 7–ئايدا ، دۆلىتىمىزدىكى نۇقتىلىق پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن %20.4 ئاشقان ، ئېشىش دەرىجىسى 6–ئايدىكىدىن بىر پوئىنت يۇقىرى بولغان .
● دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، دۆلەت ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گوباۋ تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ‹‹نۆۋەتتە دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇپ قالدى ، يەتتە يىلدىن بۇيان ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن %7.1 تىن ئاشتى›› دېدى .
● سودا مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 7–ئايدا ، مەملىكەت بويىچە مېھمانخانا ۋە يېمەك–ئىچمەك كەسپىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى 116 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.4 ئاشقان ، 6–ئايدىكىدىن%2.2 تۆۋەنلىگەن . ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 8.5 پوئىنت يۇقىرى بولۇپ ، بۇ يىلدىن بۇيانقى ئايلار ئىچىدە ئېشىش سۈرئىتى بويىچە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان .
● ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەمىنات سودا سىستېمىسى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ ، زامانىۋى يېزا ماددىي ئوبوروت مىخانىزىمىنى ئاكتىپ يېتىشتۈرگەن ، نۆۋەتتە تۈرلۈك زەنجىرسىمان تىجارەت تور نۇقتىسى 22 مىڭ 500 گە يەتكەن ، بۇ يىلدىلا زەنجىرسىمان تىجارەت تور نۇقتىسىدىن 2 مىڭ 282 سى كۆپەيگەن.
● ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل 1–ئۆكتەبردىن باشلاپ ، يولغا قويۇلىدىغان ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلارغا ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش ۋاقىتلىق چارىسى›› غا ئاساسەن ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلار ئېغىر كېسەللىك ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاپەت ياكى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش سەۋەپلىك قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسا ، ۋاقىتلىق ياردەمگە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن ، ۋاقىتلىق ياردەمنىڭ سوممىسى 200 يۈەندىن 4 مىڭ يۈەنگىچە بولىدىكەن .
|