باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئاپەت كۆپ يۈز بەرگەن يىلىمۇ يېزا ئىگىلىكىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلاندى
2008- 08- 19 11:37 شىنجاڭ گېزىتى

   بۇ يىل دۇنيادا ئاشلىق باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن، ئېلىمىزدە ئاھالىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ( CPI) يۇقىرى ھالەتتە تۇرغان ئەھۋالدا، ئاشلىق بىلەن ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. لېكىن يىل بېشىدا ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدا يامغۇر –  قار – مۇز ئاپىتى، ۋېنچۇەندە پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىق تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىپ، كىشىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى.

   مۇشۇنداق كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يازلىق ئاشلىق ۋە ياغلىق زىرائەتتىن مول ھوسۇل ئالدى. چارۋا، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ‹‹كۆك – تاق›› مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇردى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمى خېلى ئاشتى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىدا مۇقىم، تېز تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت داۋاملىق ساقلاندى ۋە بۇ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، يىللىق ئاشلىق، ياغ ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى بىر قەدەر ياخشى بولدى

   بۇ يىل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ››يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار‹‹نى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يىل بېشىدا يېڭى مەزگىلدە يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەركەزنىڭ بەشىنچى 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنى تارقاتتى، گوۋۇيۈەن ئۈچ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. مەركەز مالىيىسىدىن ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››نى قوللاش راسخوتى كۆپەيتىلىپ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاشلىق بىۋاسىتە ياردىمى، سۈپەتلىك ئۇرۇق تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى ئۇنىۋېرسال بىۋاسىتە ياردىمى 102 مىليارد 863 مىليون يۈەنگە يەتتى، بېلىقچىلىقتا 12 مىليارد 640 مىليون يۈەن دىزېل مېيى تولۇقلىمىسى بېرىلىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيتىلدى. چارۋا، ئۆي قۇشلىرى بېقىش تولۇقلىمىسى، ئاشلىق، ياغلىق زىرائەت ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ناھىيىلەرنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى، ئاشلىق سېتىۋېلىش ئەڭ تۆۋەن باھاسى جەھەتتىكى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش سالمىقى داۋاملىق ئاشۇرۇلدى.

   تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى. دەسلەپكى ستاتىستىكىغا قارىغاندا، يازلىق ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى 120 مىليارد 400 مىليون كىلوگرامغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 3 مىليارد 50 مىليون كىلوگرام كۆپىيىپ، %2.6 ئاشقان، بۇنىڭ بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇدا بەش يىل ھوسۇلنى ئاشۇرۇش تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

   يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، چىلگە شالدىن داۋاملىق مول ھوسۇل ئېلىنىدىكەن، كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىمۇ خېلى ياخشى ئىكەن، ئاشلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلىنىدىكەن.

چارۋىچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، چوڭ ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش –  تىزگىنلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق تارماقلىرى باقمىچىلىقنى تەۋرەنمەي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۆلەش سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ئۆلچەملىك، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ۋە ساغلام باقمىچىلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپەتنىڭ تەسىرىنى  تىرىشىپ يېڭىپ، چارۋىچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇردى.

   دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى گۆشىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 31 مىليون 920 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشقان.

   سۇ مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مۇقىم تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت داۋاملىق ساقلانغان. 1 – ئايدىن 6 – ئايغىچە سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 21 مىليون 820 مىڭ توننىغا يېتىپ، % 4.6 ئاشقان.

   ھەر دەرىجىلىك چارۋا مال دوختۇرلۇق تارماقلىرىمۇ تېز يۇقۇدىغان قۇش زۇكىمى قاتارلىق چوڭ ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش –  تىزگىنلەش سالمىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، كارانتىن قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ،  ئالدىنى ئېلىش –  تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى بىر قەدەر ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش –  تىزگىنلەشتە مۇھىم نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى تۇراقلاشتۇردى.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا تەمىنات يېتەرلىك بولدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى تېز ئاشتى   

   ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ھازىر ئېلىمىزدە ئاشلىق قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ. 1 – ئايدىن 6 – ئايغىچە ئاشلىقنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئۆستى، تۇخۇمنىڭ باھاسى سەل – پەل ئۆستى، كۆكتاتنىڭ باھاسى مۇقىم بولدى، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆستى.

   يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى جەھەتتە، 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 39 مىليارد 930 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.1 ئاشتى؛ كۆكتات، مېۋە، چاي، گۈل قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشتا ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلاندى.

   دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت بويىچە دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە نەق پۇل كىرىمى 2528 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 19.8 ئاشقان، بۇنىڭدىن باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئاشقىنى% 10.3 كە يەتكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ