|
دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىيۇلدا ئېلىمىزنىڭ ئاھالە ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيىسى ( CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 6.3 ئۆسكەن. بۇ، CPIنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇدا ئۈچ ئاي تۆۋەنلىشى ئىكەن. مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش بېسىمى ئېلىمىز ئىقتىسادىغا ئېغىر سىناق بولغان ئارقا كۆرۈنۈشتەCPIنىڭ تۆۋەنلىمىگەنلىكىگە خېلى بولغانىدى، بۇ ھەرقايسى تەرەپنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمى سەل پەسەيدى
11 – ئاۋغۇست كەچتە بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدىكى ‹‹كېلۇڭ›› تاللا بازىرىدا زاڭ بوۋاي مۇخبىرغا: ‹‹ھازىر مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى سەل ئاستىلاپ قالغاندەك قىلىدۇ، ››دېدى.
زاڭ بوۋاينىڭ قارىشى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا دەلىللەندى. CPI بىر يىل ئۇدا ئۆرلىگەندىن كېيىن، مايدا % 7.7، ئىيۇندا % 7.1، ئىيۇلدا % 6.3 تۆۋەنلەپ، ئايدىن – ئايغا تۆۋەنلەشكە يۈزلەندى.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىقتىساد – تەتقىقات ئورنى ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياۋجىن: ‹‹ CPI نىڭ تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلىنىشى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئاساس ساننىڭ سەل يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك››، دېدى.
بۇلتۇر ئىيۇندا CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 4.4 كە، ئىيۇلدا بىراقلا % 5.6 كە ئۆسكەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن CPI سىجىل ئۆسۈپ، % 6، % 7 ۋە % 8 كە، بۇ يىل فېۋرالدا % 8.7 كە يەتتى.
CPIنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۇزاقتىن بۇيان كۆزىتىپ كەلگەن ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى شۈ ليەنجۇڭ مۇنداق قارىدى:‹‹ CPIنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆسۈشىگە ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەب بولغان، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ CPIنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىمۇ ئاجىزلاشقان.››
ئىيۇلدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، يېمەكلىك باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 41.4 ئۆرلەپ، ئىيۇندىكىدىن % 2.9 پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ ياغ باھاسى % 03.8 ئۆرلەپ، ئىيۇندىكىدىن % 3.2 پوئېنت تۆۋەنلىگەن.
جاڭ شياۋجىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئىقتىسادنىڭ زىيادە قىزىپ كېتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇقەررەر تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ھازىرقى CPIنىڭ يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل››.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 4.01 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 1.8 پوئېنت تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە GDP نىڭ 2 – پەسىلدىكى ئېشىشى 1 – پەسىلدىكىدىن % 0.5 پوئېنت تۆۋەنلىدى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى تەمىنات بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتتى.
شۈ ليەنجۇڭ مۆلچەرلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹ھەرقايسى جەھەتتىكى ئامىللارنى كۆزدە تۇتقاندا، ئاۋغۇستتا CPIنىڭ ئۆسۈشى ئىيۇلدىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، ئايمۇ ئاي تۆۋەنلىشىنىمۇ مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. CPI 3 – پەسىلدە % 5.5 ئەتراپىدا، 4 – پەسىلدە % 4.5 ئەتراپىدا ئۆسۈشى مۇمكىن.››
ۋۇخەن شەھىرىدىكى ۋۇ يۈن ئىسىملىك بىر مەمۇر مۇنداق دېدى: ‹‹مال باھاسى خېلى مۇقىم بولۇپ قالدى. ھازىر ئائىلىمىزنىڭ ئايلىق كىرىمى 6000يۈەندىن ئاشىدۇ، ئەمما ھېچقانچە پۇل تېجەپ قالالمايۋاتىمىز››.
خۇددى ۋۇ يۈن ئېيتقاندەك، CPI نىڭ تۆۋەنلىشى خۇشاللىنارلىق يۈزلىنىش بولسىمۇ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىمىدى، بۇمۇ ھازىر مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان بېسىمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى 11 – ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىيۇلدا سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇت باھاسى ( PPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 01 ئۆرلىگەن، بۇ 1996– يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نىسبەت ھېسابلىنىدۇ.
گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرو ئىگىلىك بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ لىچۈن مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر ئېلىمىزدىكى تېرمىنال مەھسۇلات بازىرىدىكى رىقابەت ناھايىتى كەسكىن، PPIنىڭ ئۆرلىشىنىڭ CPIغا تېزدىن تەسىر كۆرسىتىشى تەس، ئەمما بۇ كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، تىجارەتنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنىڭ كىرىمنىڭ ئازايىپ كېتىشى بىلەن، بىر قىسىم ئامما سەل يۇقىرى بولغان مال باھاسىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ››.
جاڭ شياۋجىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇت باھاسىنىڭ (PPI) ئۆرلىشى CPIغا خېلى بېسىم بولىدۇ. PPIنىڭ CPIغا تەسىر كۆرسىتىشى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش، باھا باشقۇرۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىسىمۇ، PPIنىڭ ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلىنىشىگە يەنىلا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.››
بۇ قېتىم PPIنىڭ ئۆرلىشى بايلىق تەمىنات – تەلەپ زىددىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئۆتكەن يىلدىن بۇيان خەلقئارادا نېفىت، تۆمۈر رۇدىسى، ئاشلىق قاتارلىق دەسلەپكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى سىجىل ئۆرلەپ، ئېلىمىزگە خېلى چوڭ پۇل پاخاللىقى بېسىمى ئېلىپ كەلدى. يېقىنقى مەزگىلدە خەلقئارادا نېفىت، ئاشلىق باھاسى سەل تۆۋەنلىدى، بۇ ئېلىمىز ئۈچۈن خۇشخەۋەر.
جاڭ شياۋجىن مۇنداق دېدى: ‹‹خەلقئارادا ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە ئېھتىياجنىڭ سۇسلىشىشىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، نېفىت قاتارلىقلارنىڭ باھاسى يېقىندا تۆۋەنلەشكە باشلىدى، بىراق يېڭى گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى خەلقئارادا دەسلەپكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى چۈشمەي، ئەكسىچە داۋاملىق يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.››
شۈ ليەنجۇڭ مۇنداق قارىدى: ئومۇمەن بۇ يىلنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئېلىمىزدە باھانىڭ ئۆرلەش بېسىمى خېلى چوڭ بولىدۇ. CPI يەنىلا تۆۋەنلىمەيدۇ، كېيىنكى مەزگىلدىكى ئېغىر پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى مۈشكۈل.
ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا كېيىنكى يېرىم يىلدا مال باھاسىنىڭ بەك تېز ئۆرلىشىنى تىزگىنلەشنى ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مال باھاسىنىڭ مۇقىملىشىشىدىن ئۈمىد بار
دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باش مەسئۇل ئىقتىسادچىسى ياۋ جىڭيۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹كېيىنكى يېرىم يىلدا مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ئىشەنچەم كامىل. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى،گوۋۇيۈەننىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى پۇقرالار بەرداشلىق بېرەلىگىدەك دائىرىدە تىزگىنلىيەلەيدىغان غەيرىتى ۋە ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك››.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقتىن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، بۇ تەمىنات – تەلەپ زىددىيىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، مال باھاسىنىڭ بەك تېز ئۆرلىشىنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق بولدى.
ئاشلىق باھاسى باشقا نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى بەلگىلەيدۇ. ئىلگىرى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا بەش يىل بىر دەۋر قىلىنىپ، ئىككى يىل مول ھوسۇل ئېلىناتتى، ئىككى يىل تەڭشىلەتتى، بىر يىل ھوسۇل كېمىيىپ كېتەتتى. ياۋ جىڭيۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹دۇنيا بويىچە ئاشلىق باھاسى بىردىنلا ئۆرلەپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئېلىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىقتىن ئۇدا بەش يىل مول ھوسۇل ئالغانلىقى مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە››.
جاڭ شياۋجىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ‹‹دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەش سىياسىتى ئۈنۈم بېرىشكە باشلىدى، كېيىنكى يېرىم يىلدا سىياسەت ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئاشلىق، گۆش قاتارلىق تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق ئاساسىي مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمىناتىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، مال باھاسىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشقا ئاساس سېلىش كېرەك››.
مۇخبىرنىڭ نوپۇزلۇق تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە، كېيىنكى يېرىم يىلدا ماكرولۇق تەڭشەشنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇلغىشى ئېغىر، سەرپىياتى يۇقىرى، بايلىق تۈسىنى ئالغان مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېكسپورتىنى چەكلەپ، نامۇۋاپىق بايلىق ئېھتىياجىنى تىزگىنلەش بىلەن بىللە، مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىك، ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىغا داۋاملىق ئارىلىشىش تەدبىرى قوللىنىدىكەن.
شۈ لىيەنجۇڭ ‹‹ئالدىنقى مەزگىلدىكى پۇلنى قىسىش سىياسىتى ئاساسىدا كېيىنكى مەزگىلدىكى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قوللىنىشتا مالىيە سىياسىتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ كۆپرەك جارى قىلدۇرۇش كېرەك››، دېگەن سۆزگە قارىتا مۇنداق تەكلىپ بەردى: ‹‹ئاھالىنىڭ ئامانەت قويغان پۇلىنىڭ ئۆسۈمىدىن ئېلىنىدىغان باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، شەخسىي تاپاۋىتىدىن ئېلىنىدىغان باج ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرگە بېرىلىدىغان باھا ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بارلىق ئاھالىنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىپ كۆرگەن تۈزۈك.››
كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق دېدى: مۆلچەرلەنمىگەن چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن ھەم ماكرولۇق تەڭشەش سىياسىتى ياخشى يولغا قويۇلغان ئەھۋالدا، بۇ يىل باھا ئومۇمىي سەۋىيىسىنى مۇۋاپىق دائىرىدە تىزگىنلەشتىن ئۈمىد بار.
|