باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىيۇلدا 70چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردە ئۆي باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن%7 ئۆستى
2008- 08- 19 10:40 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىيۇلدا مەملىكىتىمىزدىكى 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردە ئۆي باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7 ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى ئىيۇندىكىدىن %1.2 پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

   تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مۇنۇلار مەلۇم بولدى: يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ  باھاسى ئىيۇلدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.9 ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى ئىيۇندىكىدىن %1.3 پوئېنت تۆۋەنلىگەن. تۈرلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، ئەرزان – قۇلاي  ئۆيلەرنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.7 ئۆسكەن، سېلىشتۇرما ئۆسۈش نىسبىتى %0.1 بولغان. ئادەتتىكى تاۋار ئۆيلەر ۋە ئالىي تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.3 ۋە %9.7 ئۆسكەن، سېلىشتۇرما ئۆسۈش نىسبىتى %0.2 ئۆسكەن ۋە %0.2 تۆۋەنلىگەن.

   رايونغا ئايرىپ قارىغاندا، يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ باھاسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۆسۈش نىسبىتى چوڭراق بولغان شەھەرلەر ئاساسلىقى: خەيكۇ (%16.7)، ئۈرۈمچى (%15.8)، نىڭبو (%13.3)، بېيجىڭ   (%13)، بېڭبۇ (%12.6)؛ سېلىشتۇرما ئۆسۈش نىسبىتى%1 دىن يۇقىرى بولغان شەھەرلەردىن تۆتى بار، ئۇلار: دەندۇڭ، يىڭچۇەن، ۋېنجۇ، مۇدەنجياڭدىن ئىبارەت. ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۆي باھاسى تۆۋەنلىگەن شەھەرلەردىن 17 سى بار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باھاسى  چوڭراق نىسبەتتە تۆۋەنلىگەن شەھەرلەر ئاساسلىقى: دالى، چاڭدې، شىجياجۇاڭ، خەيكۇ.

   كۆلىمى 90 كۋادرات مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما ئۆسۈش نىسبىتى % 1 تىن يۇقىرى بولغان شەھەرلەردىن توققۇزى بار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆسۈش نىسبىتى  چوڭراق بولغان شەھەرلەر ئاساسلىقى: جىنىڭ (%3.1)، جەنجياڭ (%2.6)، گۇيياڭ (%1.9)، يىڭچۇەن (%1.6). ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۆي باھاسى تۆۋەنلىگەن شەھەرلەدىن 18ى بار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۆۋەنلەش نىسبىتى چوڭراق بولغان شەھەرلەر ئاساسلىقى: خەيكۇ، دالى، چاڭدې، شېنجېن، چېڭدۇ.

   تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىيۇلدا نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6 ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى ئىيۇندىكىدىن %1.5 پوئېنت تۆۋەنلىگەن. رايونلارغا ئايرىپ قارىغاندا، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسىنى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۆسۈش نىسبىتى چوڭراق بولغان شەھەرلەر ئاساسلىقى: يىڭچۇەن (%14.3)، ئۈرۈمچى (%13.9)، تەييۈەن (%12.4)، سەنيا    (%12.2)، لەنجۇ (%12) قاتارلىقلار.

   يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇدىن باشقا ئىمارەتلەرنىڭ باھاسى ئىيۇلدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %9.4 ئۆسكەن، ئۆسۈش نىسبىتى ئىيۇندىكىدىن %0.7 پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ