باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
پىچان ناھىيىسى شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى يېزا بەرپا قىلدى
2008- 08- 19 10:29 شىنجاڭ گېزىتى

   بىز مېڭىۋاتقان ئاسفالت يولنى ۋە كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىنى كارخانىلار ياساپ بەرگەن، ھەتتا بىز ئىشلىتىۋاتقان ئەخلەت ساندۇقلىرىنىمۇ كارخانىلار بەرگەن، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا ئۇلارنىڭمۇ تۆھپىسى بار، دېدى پىچان ناھىيىسى لەمجىن بازىرى بازار كەنتىنىڭ ئاھالىسى پولات ياقۇپ.

   پىچان ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 17 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش›› نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى بېقىپ، كارخانىلار ئارقىلىق كەنتلەرنى يېتەكلەپ، كارخانىلار ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ياخشى ئايلىنىش ئىزىغا سالغاچقا، پىچاندىكى كارخانىلار يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتناشتى. ھازىر ناھىيە بويىچە 80 نەچچە كارخانا 63 مەمۇرىي كەنت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، كەنتلەر بىلەن كارخانىلار تەڭ راۋاجلاندى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پىچاندا سانائەت كارخانىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، كارخانىلار ئارقىلىق كەنتلەرنى يېتەكلەش يولغا قويۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ كەنتلەرنى قوللاش سالمىقى تەدرىجىي زورايدى. لەمجىن بازىرى بازار كەنتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان شىنجاڭ گېئو قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ 1 – گېئولوگىيە ئەترىتى 250 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، كەنت يولىغا ئاسفالت ياتقۇزۇپ بەردى ھەم ئاھالىلەر كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ياساپ بەردى، يەنە 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئەخلەت ساندۇقى ئىئانە قىلدى؛ دىغار يېزىسى تاشتاپان كەنتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ‹‹خۇايۈ›› رۇدا تاللاش – تاۋلاش چەكلىك شىركىتى 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ كەنت يولىنى ئۆزگەرتىپ ياسىدى؛ ‹‹خۇاشىڭ›› قۇيمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىق ئورناتقان كەنتكە ئەخلەت ساندۇقى ئىئانە قىلدى.

   پىچان ناھىيىسى يەنە سانائەت تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسى، شەھەر، بازارلار تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسى، يېزا ئىگىلىك رايونلىرى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، تېخىمۇ نۇرغۇن كارخانا مەبلەغ، تېخنىكا، بازار ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى كەسىپ – تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەپ، يېزىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ‹‹لەنتەي›› مېۋىچىلىكى، ‹‹خۇاشىڭ›› قۇيمىچىلىقى، ‹‹جىنخۇي›› قۇيمىچىلىقى ئەتراپتىكى كەنتلەردىن 700 دىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 يۈەن مائاش بەردى. قۇرۇلۇۋاتقان ‹‹خۇايۈ›› رۇدا تاللاش – تاۋلاش چەكلىك شىركىتى، ‹‹شېنخۇڭ›› تاش ماتېرىياللىرى شىركىتى قاتارلىق سانائەت، كانچىلىق كارخانىلىرى يەرلىكتىن قوبۇل قىلغان دېھقان ئىشلەمچى 5000 دىن ئاشتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت دېھقان ئىشلەمچىلىرى %40 نى ئىگىلىدى.

   پىچان ناھىيىسى ‹‹سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى بېقىش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى قوللاش›› تەلىپىگە ئاساسەن، مالىيە كىرىم – چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىنما سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى، يېزا ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى 2006 – يىلىدىكى 40 نەچچە مىليون يۈەندىن بۇلتۇرقى 68 مىليون 230 مىڭ يۈەنگە يەتتى. يېزا ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ھازىر يېزىلاردا كىشىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنىڭ قاپلاش دائىرىسىمۇ %90 تىن ئاشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ