|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ شىمىن 16 – ئاۋغۇست بېيجىڭ خەلقئارا ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جۇڭگۇلۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا: مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە، جۈملىدىن ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە كۆپ خىل يوللار بىلەن يەتكۈزۈش پۇرسىتى كۆپ، دېدى.
ۋۇ شىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھەر يىلى ئىشلەيدىغان مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى ––– يەرلىك ئورۇنلارغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش، بۇ ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلىشىدىكى مۇھىم يول. بۇنىڭدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا يولغا قويۇلىدىغان مۇھىم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىن، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرىدىن پىكىر ئېلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر يەنە ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا تەكشۈرۈشكە بارىدۇ. ئومۇمەن ئېيىتقاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ئەھۋال ئىنكاس قىلىش ۋە پىكىر بېرىش يوللىرى ئىنتايىن كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى راۋان.
ۋۇ شىمىن مۇنداق دېدى: ھەر يىلى 3 – ئايدا بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىدۇ، بۇ ئىككى يىغىنغا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتى جۇڭگو ئومومىي نوپۇسىنىڭ %.41 8 ىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى، ئەزالىرى سانىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى بۇ نىسبەتتىن خېلىلا يۇقىرى.
ھازىر مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىدىن 2مىليون 994 مىڭى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى كادىرلار ئومومىي سانىنىڭ %7.4ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ 2000 – يىلىدىكىدىن %.6 2 ئارتۇق. 155 مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونوم رايون رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاست باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيە ھاكىملىرىنىڭ ھەممىسى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويغان ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىدىن بولىدۇ.
|