باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
10مىليون مولۇق مېۋىزارلىق بەلبېغى تەكلىماكاننى‹‹قورشىدى››
2008- 08- 18 11:33 شىنجاڭ گېزىتى

    تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئۇتام يېزىسى قوشئېرىق كەنتىدىكى دېھقان لو يۇسەي  مۇنداق دېدى: بۇلتۇر سەككىز مو يەردىكى كۈزلۈك چىلاندىن 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم. بۇ يىل چىلانلىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پۇتاش قاتارلىق تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى قوللاندىم، مۆلچەرىمچە، بۇ يىلقى كۈزلۈك چىلان ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن ئېشىپ، تۆت توننىغا يېتىشى، بۇنىڭدىن 130 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىم مۇمكىن. ئىلگىرى بۇ جايدا بوران چىقىپ، چاڭ – توزان كۆتۈرۈلۈپلا تۇراتتى، نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېكولوگىيە چىلانزارلىقى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ھاۋا خېلىلا ياخشىلاندى، قۇم – بورانلىق ھاۋارايىمۇ ئازايدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاجىز ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە يولغا قويغان ئالاھىدە باغۋەنچىلىك  كۆلىمى  13 مىليون موغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليون مولۇق ئالاھىدە مېۋىزارلىق بەلبېغى تەكلىماكان قۇملۇقىنى‹‹قورشىغان››.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى نىجاد مەھمۇد مۇنداق دېدى: بوراندىن مۇداپىئەلىنىدىغان، قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ھەم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ئالاھىدە باغۋەنچىلىك جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى  قۇملۇق ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا تېز راۋاجلاندى. ھازىر يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىكتىن قىلغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 450 يۈەندىن ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ يىللىق ساپ كىرىمىنىڭ %25 ىدن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، يىلدىن – يىلغا كېڭىيىۋاتقان مېۋىزارلىق بەلبېغى قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى.

   جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقى 340 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى 2 –  چوڭ قۇملۇق، بۇ قۇملۇق ‹‹ھالاكەت دېڭىزى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشى يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ كىلىمات – مۇھىتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2004 –  يىلى ئىككى يىل ئىچىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدا 10 مىليون مو ئالاھىدە مېۋىزارلىق بەلبېغى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى تېزدىن مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم مېۋىچىلىك بازىسى ۋە باغۋەنچىلىك رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەرەققىيات فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايون باغۋەنچىلىك تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، ‹‹ئالاھىدە باغۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىكى پىكىر›› نى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويدى ھەم 2010 –  يىلىغا بارغاندا مېۋىزارلىق كۆلىمىنى 15 مىليون موغا يەتكۈزۈش )بۇنىڭ ئىچىدە تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى مېۋىزارلىق كۆلىمى 12 مىليون مو(، 2015 –  يىلىغا بارغاندا بىر قەدەر مۇكەممەل ئالاھىدە باغۋەنچىلىك سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە  شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئورمانچىلىق  تارماقلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇملىشىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلاپ، رايون ئېكولوگىيىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ